ئامېرىكا تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىشىغا قانداق سەۋەبلەرنىڭ تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقى كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان.

0:00 / 0:00

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن تىبەت راھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت نەزىرىنى تىبەت مەسىلىسىگە بۇراپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان سىياسەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۈندەيدىغان چاقىرىقلار كۈچىيىشكە باشلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى سىچۈئەننىڭ گەنزى قاتارلىق تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا يۈز بەرگەن تىبەت راھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسەتكە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە چاقىرىپ، راھىبلارنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەۋجۇت ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

sichuan-tibet-ozini-koydurush-saqchi-385.jpg
سىچۈەن ئۆلكىسى ئابادا تىبەت راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ كوچىلاردىكى جىددىيچىلىك ئەھۋالى. 2011-يىلى 18-ئۆكتەبىر. (AFP)

بۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىبەتتىكى راھىبلار ۋەقەسىگە مۇشۇ ئىككى كۈندە 2‏-قېتىم ئىنكاس قايتۇرۇشى.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تورنېر ئالدىنقى كۈنى مىنىستىرلىقنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، «بىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇدۇق. بىز يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بولۇپمۇ، تۈنۈگۈن بىر تىبەت راھىبىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى، بۈگۈن بولسا يەنە بىر تىبەت راھىبەسىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن ناھايىتى جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. تىبەت ئاھالىسىنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ئازاب-ئوقۇبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ئەھۋالدا بىز خىتاي ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئەكسى نەتىجە بېرىۋاتقان تىبەت رايونلىرىدىكى سىياسىتىنى توغرا يولغا سېلىشقا، تىبەتنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي، تىلى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ھىمايە قىلىشقا چاقىرىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن يەنە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەت مەسىلىسىدىكى يۇقىرىقى مەيدانىنى تەكىتلىگەن. «بۇ ۋەقەلەرنىڭ تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق، جۈملىدىن خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرەت ۋە نارازىلىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى»، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم «خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ئەركىنلىكىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە، تىبەت ئاھالىسىنىڭ مەۋجۇت ئازات-ئوقۇبەتلىرىنى يەڭگىللىتىشكە چاقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. سىچۈەن گەنزىدىكى يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن 9 تىبەتلىكنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىنىڭ ئىچىدىكى 3 ۋەقە مۇشۇ 10-ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن. ئوت قويۇۋالغانلارنىڭ بىرى 20 ياشلاردىكى بىر راھىبە ئىدى.

بۇ ۋەقە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ۋە چەتئەلدە ياشاۋاتقان سۈرگۈندىكى تىبەت مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىچىدە زەنجىرسىمان ئىنكاس پەيدا قىلىپ، ھىندىستان، ياۋروپا، ئامېرىكا، تەيۋەن قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقلارنى قوزغىغان. تۈنۈگۈن ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئېلىپ بېرىلغان تىبەتنى قوللاپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تىبەت راھىبلىرىدىن بولۇپ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان 500 كىشىلىك نامايىشچى ئامما، 24 سائەت ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى.

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر-تىبەت-خىتاي-موڭغۇل كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرىنى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشقا، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىش ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

كېڭەشنىڭ خىتاي ۋەكىلى ياڭ جىمېي رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتىپ، «بىز ھەر ساھە كىشىلىرىدىن مەۋجۇت ئەھۋالنى چوڭقۇر ئويلىنىشنى، ئۇلارنىڭ دەس تۇرۇپ جۇڭگو كومپارتىيىسىنى تەنقىد قىلىشىنى ئۆتۈنىمىز. ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى جۇڭگو كومپارتىيىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ، تىبەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، جۇڭگودىكى بارلىق مىللەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە تۈرتكە بولۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008‏-يىلى 4‏-ئايدا يۈز بەرگەن لخاسا ۋەقەسىدىن بۇيان تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە گەنزى قاتارلىق ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى تىبەت ئاھالىسى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، تىبەت راھىبلىرىنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىشقا كىرىشكەن. تىبەت لاما بۇدخانلىرىنىڭ ئەتراپىدا ھەربىي پونكىتلارنى قۇرۇپ، تىبەت راھىبلىرىنى «سىياسىي تەلىم-تەربىيە كۇرسى» غا تەشكىللىگەن، راھىبلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى. تىبەتلەر دائىرىلەرنىڭ راھىبلارنى دالاي لامانى تەنقىد قىلىشقا، كومپارتىيىگە ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ياڭ جىمېي خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى تىبەت راھىبلىرىنى ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «3‏-ئايدا يۈز بەرگەن ئۆزىگە ئوت قويۇش ۋەقەسىدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ھەربىي ۋە ساقچىلىرى كىرتى ئىبادەتخانىسىدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 300 دىن ئارتۇق راھىبنى تارقاقلاشتۇرغان شۇنداقلا ئۇلارغا مەجبۇرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى. بىز ياۋروپادىكى موڭغۇل-ئۇيغۇر-تىبەت-خىتاي كېڭىشى بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق چۆچىدۇق ۋە ئەنسىرىدۇق. راھىبلار ئادەتتە جانلىقنى ئۆلتۈرمەيدۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئۆزى بىر گۇناھتۇر. بىراق كومپارتىيىنىڭ رەزىللىكى ئاقكۆڭۈل راھىبلارنى ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، بىراق دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا «جىددىي ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «بىز خەۋەرلەردىكى بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان 8 تىبەت راھىبى ۋە بىر راھىبەنىڭ خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا كىرتى ئىبادەتخانىسى ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالغانلىقىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېگەن.