پاكىستان يەنە 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى

پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ قوراللىق تەربىيە كۆرۈۋاتقانلىقى ئولىمپىكتىن بۇيانقى خەۋەرلەردە پات - پات تىلغا ئېلىنماقتا. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ سانى، تەشكىلىي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.

0:00 / 0:00

ئەمما ئىنتېرنېتتىكى تولۇقسىز مەلۇماتلاردا، ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامى ئاستىدا تەشكىللەنگەنلىكى، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش يولىنى تاللىغانلىقى مەلۇم. بۈگۈن پاكىستاندا چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى ئەنە ئەشۇ ئۇيغۇرلاردىن 9 كىشىنى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، "بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇر بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان" دەپ يېزىلغان. ئەمما قايسى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ۋە قاچان، قەيەردە ھۇجۇم قىلغانلىقى بايان قىلىنمىغان.

ھازىرغا قەدەر پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بار - يوقلۇقى ۋە كىملىكى ھەققىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت؛ بەزىلەر قەبىلىلەر رايونىدا ئۇيغۇرلار يوقلۇقىنى بىلدۈرسە، بەزىلەر بۇ جايدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ يەنە بەزىلەر بولسا، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە تىنچلىق يولىدىن ئۈمىد ئۈزگەن بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستان چېگرىسى ئارىسىدا ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتايغا قارشى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھازىرغا قەدەر مەزكۇر جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ نامى ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە ياكى شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى قاتارلىق ئۈچ خىل نام مەۋجۇت. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەڭ يېقىنقى باياناتىدا تەشكىلاتىنىڭ نامى شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دەپ ئاتالغان.

مەزكۇر تەشكىلاتقا ئائىت تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا، ئۇلارنىڭ ئەلقائىدە ۋە تالىبان بىلەن تەشكىلىي مۇناسىۋىتى يوقلۇقى ئەسكەرتىلگەن. بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ سابىق باشلىقى ھەسەن مەخسۇم، 2003 ‏ - يىلى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، ئەلقائىدە ۋە تالىبان بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاشكارا رەت قىلغان ئىدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا د ئۇ ق ۋە ھەرقايسى مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە پاكىستاننى ئەيىبلىدى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى رادىئومىز ئارقىلىق قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.