توقۇنۇشتا تالىبان تەرەپتىن 50 كىشى، پاكىستان ئارمىيىسىدىن 8 كىشى ئۆلگەن. تۈنۈگۈن پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مانا مۇشۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇش جەرياندا ۋە ياكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشى داۋامىدا تۇتۇلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە، پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئەرشىدىن ئەپەندى قاراش ۋە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۆۋەتتە، پاكىستان ھەربىي دائىرلىرى تالىبانلارنىڭ رايوندىن چېكىنىشىنى بۇيرۇماقتا. تالىبان تەرەپ بولسا، پاكىستان ئارمىيىسى ھۇجۇمنى توختاتمىسا، پۈتۈن پاكىستان دائىرىسىدە ئەنسىزچىلىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى غەربىي شىمال رايونىدىكى سىۋات قاتارلىق جايلاردا شەرىئەت قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا يول قويغان ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، تالىبان تەرەپ ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئۇلار ئىسلامئابادقا 100 كىلومېتىر ئەتراپىدا يېقىنلاپ كەلگەن. نۆۋەتتە بۇ ۋەزىيەتتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي شەكىلدە ئەندىشە قىلماقتا.
شەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون پاكىستان ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىنى "تالىبانلارغا تەسلىم بولدى" دەپ ئەيىبلىگەن ۋە پاكىستاننىڭ تالىبانلارغا قارشى قاتتىق قول بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. پاكىستاندىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشىە قىلىۋاتقان تەرەپلەردىن بىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدۇر.
تۈركىيىدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ھىدايىتۇللاھ ئەپەندى بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ، قوشنىسى بولغان پاكىستانغا بېرىپ تۇرۇش، ياشاش ۋە ئۇلاردىن توغرا مەقسەت ئۇچۈن ياردەم ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى؛ ئەمما بۇنىڭ بەزى دۆلەت ۋە گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن خاتا ھالدا بۇرمىلىنىپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
پاكىستاندا ياشاۋاتقان يەنە بەزى ئۇيغۇرلار، خىتايغا قايتۇرۇلغان 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ قېتىمقى توقۇنۇش ۋە كۆچۈش جەريانىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن تۇتۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىدۇ. ھىدايىتۇللاھ ئەپەندى بولسا، نۆۋەتتە پاكىستاننىڭ خىتايغا ساداقەتمەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قانۇننى بىر تەرەپكە قايرىپ قويالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ پروگراممىمىزدا سىلەرگە، پاكىستاندىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي قايتۇرۇلۇشى ھەققىدە پەرەز ۋە مۇلاھىزىلەرنى سىلەرگە سۇندۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.