0:00 / 0:00
ئۆي تۇتقان 4 يىل بويىچە ئېرىنى ئەرەب، ئۇنىڭ دۆلىتىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دەپ بىلىپ كەلگەن ئارزۇگۈل ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بۇ يىل 4-ئايدىلا بىلىپ يەتكەن. چۈنكى ئېرى ئۇنى دۇبەيگە ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ئېيتىپ پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ۋىلايىتىگە تاشلاپ قويغان ۋە ئۆزى غايىب بولغان. ئارزۇگۈل ئېرىنىڭ ئالدامچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتماقچى بولغان بولسىمۇ ئېرى پاسپورتىنى يوشۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، يۇرتىغا قايتىشقىمۇ ئامالسىز قالغان.
نۆۋەتتە ئارزۇگۈل ۋە ئۇنىڭ 3 ياشلىق بالىسىنىڭ تەقدىرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ھەقتە تەييارلانغان پروگراممىمىزنى ئاڭلايسىلەر.