پاكىستانغا ئالداپ ئېلىپ چىقىلغان 20 ياشلىق ئۇيغۇر قىز قەشقەردىكى ئانىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

بىز تۈنۈگۈن 20 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ پاكىستانغا ئالداپ ئېلىپ چىقىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئىز-دېرىكىنى ئېلىش قىيىن بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئىگىلىشىچە، ئالدانغان قىزنىڭ ئانىسى ئايىمنىسا بۈگۈن قىزى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. قىز تېلېفوندا ئانىسىغا ئۆزىنىڭ بىر ئۆيدە قامىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، سىرتقا چىقىش ۋە كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئەركىنلىكىنىڭ يوقلۇقىنى، يولدىشىنىڭ ئىنىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

Pakistanliq-naqib-ullah-khan2-385.jpg
پاكىستانلىق ناقىب ئۇللاھ كھاننىڭ ئەرەبىستاندا دائىملىق تۇرۇش كىنىشكىسى. (RFA)

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.