پاكىستان ئارمىيىسى تەركىبىدە ئىشلىگەن ئۇيغۇر

1931 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان مىللىي ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەردىن نۇرغۇنلىرى چەت دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.08.03

مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەننىڭ ئاتىسى شۇ ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پىدائىيلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلاردىن بىرى ئىكەن.

مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە 1937 -  يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن شەھىرىدىن ھىجرەت قىلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كېتىدۇ. كېيىنچە ھىندىستان ئىككىگە  بۆلۈنۈپ پاكىستان دۆلىتى بارلىققا كەلگەندە، مەۋلىۋى مۇھەممەد ھەسەن پاكىستان دۆلىتى تەركىبىدە ئەسكەر بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەم شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىمغا مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەن ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەننى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:" بۇ ئادەم ئەسلىدە يەكەنلىك ئىدى، يەكەندىن ھىندىستانغا ئوقۇش ئۈچۈن چىققان بولۇپ، ياخشى ئوقۇغان ۋە كاتتا ئالىم بولغان كىشى ئىدى. ھىندىستاندا بۇ ئادەمنى تونۇمايدىغان ئالىم يوق دىيەرلىك ئىدى. مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەن  كىچىكىدىن دىنىي ۋە پەننىي ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 1958 -  يىلى پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرىدۇ. 1964 -  يىلى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان دۆلەت ئارمىيىسى تەركىبىدە 7 يىل ئىشلەيدۇ. ئۇ  پاكىستان ئارمىيىسى سېپىدە ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق مۇكاپاتىغا ۋە تەقدىرنامىسىغا ئېرىشكەن. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن ئىدى."

مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەننىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەۋلىۋى ھاپىز مۇھەممەد ھەسەن ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئېلىگە قەلبى باغلانغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ناھايىتى يۈكسەك بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكلەر ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ھەققىدە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇردۇ ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا نەشر قىلدۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان بەزى ماقالىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبچە، فرانسۇزچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ "ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى"، "قەشقەر دىيارى" ناملىق ئۇردۇ تىلىدا يازغان كىتابلىرى، پاكىستان كۇتۇبخانىلىرىدا ھازىرمۇ بار ئىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.