پاكىستاندىكى پارىخورلۇق ۋە ھەربىي ئىسراپچىلىققا قارشى ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ ئورۇن ئالدى

پاكىستاندىكى راجا جىھانگىر ئەختەر ئىسىملىك بىر ئاممىۋى پائالىيەتچى، مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، ئىسلامئاباددا ئاچلىق ئېلان قىلىپ، پاكىستاندىكى ھۆكۈمەت، ئاخبارات ۋە جامائەتلەرنىڭ دىققەت مەزكىزىگە ئايلانغان ئىدى.

0:00 / 0:00

پارىخورلۇق ۋە ھەربىي ئىسراپچىلىققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە، راۋالپىندىدىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىمۇ ئىشتراك قىلدى. پائالىيەتكە مىللىي كىيىملىرى بىلەن كېلىپ قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، 10 كۈن جەريانىدا ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پاكىستان خەلقىگە يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

مەزكۇر ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى، پېشقەدەم ئاممىۋى پائالىيەتچى راجا جىھانگىر ئەختەر ئەپەندى باشلىغان. ئۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش باياناتىدا پاكىستان پارلامېنتىدا مەخسۇس پارىخورلۇققا قارشى قانۇن ماقۇللىنىشىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي خىراجەتنى ئازايتىپ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى، بۇ ئارقىلىق پاكىستان جەمئىيىتىدە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپلەر پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پىدائىي ۋە سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ۋەقەلىرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئازابلاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. پاكىستاندا يەنە خىتايغا قارشى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىمۇ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بىئارام قىلىۋاتقان بىر سەلبىي ۋەزىيەت. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، پاكىستاندا پارىخورلۇققا خاتىمە بېرىلسە، ھەقىقىي دېموكراتىيە يولغا قويۇلسا، مەزكۇر ۋەزىيەتنىڭ تەبىئىي ھالدا ئوڭشىلىشىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە.

نۆۋەتتە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار، پاكىستاننىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىتايغا بېقىندىچىلىقىنىڭ ئازىيىشىنى ئارزۇ قىلماقتا ۋە بۇ ئارزۇلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەر قانداق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ھالدا قاتناشماقتا. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن ئابدۇقېيىم ئەپەندى پاكىستاننىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى شەخسىي تەسىراتىلىرىنى بايان قىلىدۇ.

ئىسلامئابادتىكى ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى 10-كۈنىگە قەدەم قويغاندا، پاكىستاندىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئاچلىق ئېلان قىلىنغان مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، راجا ئەختەر ئەپەندىگە تەلەپلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى تۈنۈگۈن ئاخىرلاشقان. ئەمما راجا ئەپەندى بېرىلگەن ۋەدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىيلەشمىسە، ئاچلىق ئېلان قىلىشنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى، ھاياتىنى بۇ يولدا ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.