قارشى تەرەپتىن 10 مىڭ قوراللىق ئادەم ۋە 1500 دىن ئارتۇق ئادىمى بار چەتئەللىك ھەربىي قىسىم ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە، 'بوشۇن تور بېتى' بۈگۈن تارىختا بۇ رايوندا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنى ۋە تارىخىي شەخسلەرنى تۇنۇشتۇردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان قىسىملىرى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسدا ۋەزىرىستاندا ئۇرۇش بولۇۋاتقىلى بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى. پاكىستان 30 مىڭ ئەسكەر توپلاپ ۋەزىرىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان. بۇ، پاكىستاننىڭ 2001 - يىلىدىن بۇيان بۇ رايونغا قارىتا يەر يۈزىدىن قوزغىغان 3 - قېتىملىق ھۇجۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكىتىگە ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلار ماسلىشىۋاتىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەربىي ھەرىكەت ئاساسەن، تالىبانلارنىڭ باشلىقى بەيتۇللا مەخسۇت ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان 3 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرلىق بىر رايونغا قارىتىلغان. پاكىستان ھازىر بۇ رايوندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، بۇ رايوندىكى پۈتۈن تېلېفون قاتارلىق ئالاقە تورلىرىنى پۈتۈنلەي ئۈزىۋەتكەن. ئۇچۇر ۋاستىرىلىرىنىڭ ھېس قىلىشىچە، پاكىستان بۇ قېتىم پۈتۈن دۆلەتنى بىردەك سەپەرۋەر قىلىپ، قار قاپلاپ كەتكىچە ئۇرۇشنى تۈگىتىپ، بۇ رايوندىكى رەقىپلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاشقا بەل باغلىغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەزىرىستان تالىبانلارنىڭ مۇھىم بازىسى بولۇپ، بۇ رايوندا ھازىر 10 مىڭ قوراللىق خەلق ۋە 1500 دىن ئارتۇق چەتئەللىك ھەربىي كۈچلەر ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. پاكىستان قىسىملىرىنىڭ شىتاپ باشلىقى ئاشفاق فەرۋىز كىيانىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبانلار بۇ رايوندىكى مەكتەپلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويغاندا، بۇ رايوندىن 100 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ماكانلىرىنى تاشلاپ، مۇساپىر بولۇپ سرتقا كېتىپ بولغان. پاكىستان قىسىملىرى بۇ رايونغا يېقىن بولغان ئىسلامئاباد قاتارلىق شەھەرلەردە پۈتۈن مەكتەپلەرنى تاقىغان.
FBIS ئۇچۇرلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ناججار مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە 'بىز پاكىستاننىڭ ھۇجۇمىغا قارىتا باشقا بىر شەكىل ئارقىلىق ئىپادە بىلدۈرىمىز' دېگەن ئىدى. بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېھراندىن بايان قىلىشىچە، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات بىلەن تۈكىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا رايون دائىرىلىك ھەمكارلىقنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
تالىبانلار بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋەزىرىستاندا جىددىي تۈس ئېلىۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، 'بوشۇن تور بېتى' تارىختا بۇ رايوندا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنى ۋە تارىخىي شەخسلەرنى تونۇشتۇردى.
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، 1336 - يىلىدىن 1405 - يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە، تۈركلەشكەن موڭغۇل خانلىرىدىن تېمور ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھىندىستانغىچە ئەسكەر تارتىپ، ئىككى مىليون كۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق دائىرىدە ئېمپىرىيە قۇرۇش جەريانىدا، مۇشۇ رايوندا ئۇرۇش قىلغان. بابۇرمۇ 1483 - 1531 - يىللىرىدا مۇشۇ رايوندا ئۇرۇش قىلغان.
مىلادى 971 - يىلىدىن 1030 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، سۇلتان مەھمۇد قارا خانىلارنىڭ ئەسكىرىنى باشلاپ سامانى خانلىقى ۋە ھىندىستاننىڭ پانجاپ رايونىنى بويسۇندۇرۇپ، ئافغانىستاندا كانىشكا خانلىقىنى قۇرغاندا مۇشۇ رايوندا ئۇرۇش قىلغان.
مىلادى 433 - يىلىدىن 453 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ھۇن پادىشاھى ئاتىللا خان سىبېرىيىىدىن ياۋروپاغا سوزۇلغان بىر مىليون 450 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرلىق دائىرىدە بىر چوڭ ئېمپىرىيە قۇرۇش جەريانىدا مۇشۇ رايوندا ئۇرۇش قىلغان.
مىلادىدىن بۇرۇن 559 - يىلىدىن 539 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، پارس پادىشاھى كرىئوس 2 ئىراندىن كىچىك ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيالارغىچە سوزۇلغان 2 مىليون 90 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرلىق دائىرىدە بىر چوڭ ئېمپىرىيە قۇرۇش جەريانىدا مۇشۇ رايوندا ئۇرۇش قىلغان.
مىلادىدىن بۇرۇن 334 - يىلىدىن 326 - يىلىغچە بولغان مەزگىلدە، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنمۇ بالقان يېرىم ئاراللىرىدىن مىسىر، كىچىك ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرقتىن ھىنىدستانغىچە سوزۇلغان ئىككى مىليون 180 كۋادىرات كىلومېتىرلىق دائىرىدە بىر چوڭ ئېمپىرىيىنى قۇرۇش جەريانىدا مۇشۇ رايوندا ئۇرۇش قىلغان. بۇ ھەقتە، 1882 - يىلى يەركەندە يېزىلغان 'ئىسكەندەرنامە' نىڭ ئاپتورى، سەمەرقەنتتە تۇغۇلۇپ يەركەندە ئۆسۈپ يېتىلگەن زايىت ئاخۇن پازىلباي 'ئىسكەندەرنىڭ غەلىبىسى ئوتتۇرا ئاسىياغا يەتكەندە، ئىنسانىيەتكە بالايى - ئاپەت يەتكۈزىدىغان يەئىجۈج - مەئجۈج دېگەن ئەڭ قەدىمىى بەدىۋىي قەبىلىلەرنى مەڭگۇ قورشاپ تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلى سوقۇلغان' دەپ رىۋايەت قىلغان ئىدى.
ھازىر پاكىستان بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇۋاتقان بۇ رايوننىڭ ئەتراپىدا، تارىخىتا يۈز بەرگەن ئالامشۇمۇل ۋەقەلەرنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدىن مۇستەسنا بولمىغان كەشمىر، ئارۇناچال، ئاقسايچىن، تاجىكىستان، پەرغانە ئويمانلىقى ۋە تارىم ۋادىسى بار.