تارىخىي مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستانغا چىقىش ۋە ئولتۇراقلىشىش تارىخىي بۈيۈك برىتانىيە دەۋرىدىلا باشلانغان. ئۇ چاغلاردىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك كارۋان- سارايلىرى، سودا تىجارەتلىرى بىلەن ئۆز مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى نامايان قىلغان؛ 50-يىللاردىن كېيىن چىققان ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى زۇلۇم ۋە خەۋپ خەتەردىن قېچىپ چىققىنى ئۈچۈن تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكى ئۇلارغا مىللىي ۋە سىياسىي غايىلەر ئۈچۈن ئويلىشىشقا ۋە كۈرەش قىلىشقا ئاساسەن پۇرسەت بەرمىگەن. نۆۋەتتە 3-ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە ئەۋزەل ئىمكانلارغا ئىگە دەپ قارىشىدۇ.

ئاڭلىغىنىڭلار، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەكبەرجاننىڭ بايانلىرى. ئانا تىل، ئانا ۋەتەن ۋە ئازادلىق تېمىسى نۆۋەتتە پاكىستاندىكى 3-ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى. 10 يىلدىن بېرى راۋالپىندىدىكى تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئابدۇغېنىجان، ئۆز زامانداشلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرىدىن پەخىرلىنىپ مۇنداق دەيدۇ.
ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق قىزغىنلىقى ۋە ۋەتەن مىللىتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە بىر ئىشلارنى قىلىش ھەۋىسى، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مەنە ۋە ھاياتىغا ئەھمىيەت قازاندۇرۇۋاتقان ئامىللار.
مانا بۇ ئارزۇ، مانا بۇ قىزغىنلىق، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر قاتار ئاۋارىچىلىكلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقىغا، ھەتتا خەۋپ-خەتەرلەرگىمۇ كۆكرەك كېرىشىگە سەۋەب بولماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق خىتاي زىيارىتى پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ۋە چوڭ-كىچىك كۆلەمدە ئىزچىل ھالدا قارشىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. پاكىستاندىكى 3-ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي كىملىك سىياسىي ئىستەك قىزغىنلىقى، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭمۇ دىققىتىدىن قاچمىغان. شۇڭا ئۇلار پاكىستاندىكى جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى نامىدا تەشكىلات قۇرۇپ، پاكىستاندا باش كۆتۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى توسماقتا. نۆۋەتتە خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەگىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رىزاخان، ئابدۇقېيىم، سىيىت سۇلتانخان قاتارلىق كىشىلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ يېشى 50 ۋە 60 نىڭ ئۈستىدە.
يېقىندا قەشقەر ۋە خوتەن ۋەقەسىدىن كېيىن، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارشى ھەمكارلىقىدا يەنە بىر بالداق ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى. ئەمما پاكىستاندىكى ياشلار، بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرىنى مېڭىۋاتقان ھەق يولىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم كۈچ، پاكىستان ۋە ئافغانىستان تاغلىرىدا ھەربىي تەلىم ئېلىۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدۇر. خىتاي تاغدىكى ئۇيغۇر پىدائىيلار بىلەن پاكىستان ۋەتەندىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز- ئارا تەشكىلىي ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ قېلىشىدىن ھەممىدىن بەك ئەندىشە قىلماقتا.