پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ' 5‏ - فېۋرال ' نى خاتىرىلىدى

پاكىستان يېقىنقى 10يىلدىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە مۇھىم بازىلاردىن بىرى بولۇپ قالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-02-06
Share
Pakistan-5-fewral-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، "ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﺧﭙﻰ" ﻧﯩﯔ 5‏ - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ 12 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ "ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﺧﭙﻰ" ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ

مەرھۇم ھەسەن مەخسۇم، ئىسمائىل سەمەت ۋە رەخمۇتۇللاھ ئىسرائىلغا ئوخشاش شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ مۇھىم رەھبەر ۋە غوللۇق ئەزالىرى ھەم يەنە بۈگۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقان گۇئەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ئەنە ئەشۇ پاكىستان تۇپرىقىدا ياشىغان، تەلىم ئالغان ۋە ياكى پاناھلانغان.

دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئالاھىدە دىققىتىنى بەرمەكتە. بۇ جايدىكى ئۇيغۇر ماھاجىرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، بارلىق دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سالماقتا.

ئەمما بۇ جايدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىمۇ خىتاينىڭ چەكلىمىلىرىدىن ھالقىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇش ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشتىكى تىرىشچانلىقلىرى توغرىسدىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى ئاڭلايسىز.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت