پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ' 5‏ - فېۋرال ' نى خاتىرىلىدى

پاكىستان يېقىنقى 10يىلدىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە مۇھىم بازىلاردىن بىرى بولۇپ قالدى.

0:00 / 0:00

مەرھۇم ھەسەن مەخسۇم، ئىسمائىل سەمەت ۋە رەخمۇتۇللاھ ئىسرائىلغا ئوخشاش شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ مۇھىم رەھبەر ۋە غوللۇق ئەزالىرى ھەم يەنە بۈگۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقان گۇئەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ئەنە ئەشۇ پاكىستان تۇپرىقىدا ياشىغان، تەلىم ئالغان ۋە ياكى پاناھلانغان.

دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئالاھىدە دىققىتىنى بەرمەكتە. بۇ جايدىكى ئۇيغۇر ماھاجىرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، بارلىق دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سالماقتا.

ئەمما بۇ جايدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىمۇ خىتاينىڭ چەكلىمىلىرىدىن ھالقىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇش ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشتىكى تىرىشچانلىقلىرى توغرىسدىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى ئاڭلايسىز.