0:00 / 0:00
ئۇ ۋاقىتتا ئانا تىل كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى 15 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ سانى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 100 دىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇلار تۇنجى قېتىم بۇ يىل نورۇز بايرىمىنىمۇ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئانا تىلىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ كەتكەن.
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.