پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇرۇش مۇساپىرلىرىغا ياردەم بەرمەكتە

پاكىستاندا داۋاملىشىۋاتقان پاكىستان ئارمىيىسى بىلەن تالىبان جەڭچىلىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا، ھازىرغا قەدەر ئۆي - ماكانلارنى تاشلاپ يىراق - يېقىنغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان مۇساپىرلار سانى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان.

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە خەير - ساخاۋەت ئورۇنلىرى بۇ ئۇرۇش مۇساپىرلىرىغا تۇرمۇش لاۋازىمەتلىرى جەھەتتىن ياردەمدە بولماقتا. ئۇرۇش مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقان خەير - ساخاۋەت ئورۇنلىرى ئىچىدە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى نامىدىكى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىمۇ بار.

پاكىستاندىكى ئۇرۇش مۇساپىرلىرىنىڭ سانى بىر مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان. نۆۋەتتە خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەپەرۋەر ھالەتتە. پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى، ئۇرۇش مۇساپىرلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان خەير - ساخاۋەت ئورۇنلىرىدىن بىرىدۇر.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بىر ھەپتىدىن بېرى راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن ياردەم توپلىماقتا. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باياناتچىسى ئەكبەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راۋالپىندىدىكى مۇھىم سودا ئورۇنلىرىدىن بىرى China Market دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي ماللىرى بازىرىدۇر. بۇ بازاردا 1000 ئەتراپىدا دۇكان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكان 100دىن ئارتۇق. ئۇيغۇر دۇكاندارلىرىنىڭ ھەممىسى پاكىستان پۇقراسى. باياناتچى ئەكبەر ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى.

بىز پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۇرۇش مۇساپىرلىرىنىڭ دەردىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىمىز. چۈنكى بىز ھەر خىل شەكىلدىكى ئۇرۇشلار سەۋەبلىك ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلار، ئۇرۇش رايونىدىكى خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن تۆۋەن ئەمەس.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىي ئۆزلىرىنىڭ پائالىيىتىنى، ئىنسانىي مەسئۇلىيەت، دىنىي مەسئۇلىيەت ۋە پۇقرالىق مەجبۇرىيىتى قاتارلىق بىر قانچە نۇقتىدىن چۈشەندۈرگەندىن باشقا يەنە، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ كۆزى تىكىلىپ تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار لاگىرلىرىدا ھازىر بولۇش ئارقىلىق ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پاكىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي شىمال چېگرا بويلىرىدا، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەۋجۇت. بۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەندىشە قىلماقتا. بىز ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىدىن ئۇرۇش مۇساپىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار بار - يوقلۇقىنى سورىدۇق.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىي ھازىرغىچە مۇساپىرلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتمىغانلىقىنى، ئەگەر مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇرغا ئېرىشەلىسە ئۆزلىرىنىڭ ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات مەدەنىي - مائارىپ ۋە خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئانا تىل ئۆگىتىشنى ئاساسلىق خىزمەت قاتارىدا داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ تەشكىلات بىر ئاممىۋىي - مەدەنىيەت تەشكىلاتى بولسىمۇ، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، دىپلوماتىك ۋاستلىرى ئارقىلىق مەزكۇر تەشكىلاتنى تاقىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.