پەرۋەز مۇشەررەپ دەۋرىدىكى خىتاي - پاكىستان دوستلۇقى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە بىر قاتار ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن. پەرۋەز مۇشەررەپ بىلەن پاكىستاندىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى ئاساسلىق ئىختىلاپلاردىن بىرى، ئامېرىكا باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تالىبان كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسى ئىدى. پەرۋەز مۇشەررەپ بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بولسا پاسسىپ مەيداندا.
رايىس: " مۇشەررەپ خەلقارا تېررورغا قارشى كۈرەشنىڭ تۆھپىكارى"
پەرۋەز مۇشەررەپ پاكىستاندىكى تالىبان تەرەپدارلىرىغا قاتتىق قول سىياسەت قوللانغان ۋە ناتو ئارمىيىسىنىڭ پاكىستان چېگرىسى ئىچىدىكى تالىبان كۈچلىرىگە قارشى بىر قىسىم ئەسكىرىي ھەرىكەتلىرىگىمۇ كۆز يۇمۇپ كەلگەن. بىرلەشمە ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن پاكىستاندىكى تالىبان كۈچلىرى بىلەن مۇرەسسە يولىنى تاللىغان ۋە تۈرمىدىكى بىر تۈركۈم تالىبان كۈچلىرىنى قويۇۋەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل ماي ئېيىدا پاكىستاننىڭ دامدولا كەنتىدىكى، تالىبان كۈچلىرى يوشۇرۇنغان دەپ قارالغان بىر ئۆيگە بومبا تاشلىشى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە ھۆكۈمەت ئامېرىكىنى پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈۋاتىدۇ دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
پەرۋەز مۇشەررەپ ئىستىپاسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس پەرۋەز مۇشەررەپنىڭ خەلقئارا تېررورغا قارشى كۈرەشكە تۆھپە قوشقانلىقىنى مەدھىيىلىدى. رايىس، بۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇشەررەپ دەۋرىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى
پەرۋەز مۇشەررەپ دەۋرىدىكى خىتاي - پاكىستان دوستلۇقى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە بىر قاتار زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى ھەسەن مەخسۇم پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئىسمائىل سەمەت قاتارلىق يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىمۇ مۇشەررەپ دەۋرىدە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋە ئۆلۈم جازاسىغا يولۇققان ئىدى. ئەمما پاكىستاندىكى بىر قىسىم دىنىي جامائەت ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ئىزچىل تۈردە ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە گۇئانتانامو تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ پاكىستاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئافغانىستاندا ئەسكىرىي تەلىم ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ پاكىستان باش ئەلچىسى 2 ئاينىڭ ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاندىكى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ خىتايغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، خىتاي - پاكىستان دوستلۇقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم ئۇلارغا قۇچاق ئېچىۋاتقان يەرلىك گۇرۇپپىلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. روھان گۇراتانا قاتارلىق بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، يېقىندا ئىنتېرنېتتە خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ پاكىستاندا ئورۇن تۇتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرى ھازىرغىچە ئېنىقسىز بىر تەشكىلات. ئەمما ئۇ بەرگەن باياناتلار، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايغا قارشى ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغان، مۇستەقىللىق ئىرادىسى كەسكىن تون بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتلاردۇر . شۇڭا خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارشى ھەرىكىتىدە پاكىستاننى يەنىلا مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. خىتاينىڭ تېررورلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش مەسلىھەتچىلىرىدىن روھان گۇرانا ئۆتكەن ھەپتىدىكى سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىگە قارىتا دۆلەت ئىچىدە يۇمشاق قول بولۇشىنى، پاكىستاندىكى كۈچلەرگە دىققىتىنى مەكەزلەشتۈرۈشىنى تەكلىپ بەرگەن ئىدى.
پاكىستاندا ئۇيغۇرلارغا قولايلىق تۇغۇلۇشى مۈمكىن
بۈگۈن تۈركچە پرەس مېدىيا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە، پاكىستان - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى يۆنۈلۈشتە ئىلگىرىلىشىنى تەخمىن قىلىش تەس، ئەمما پەرۋەز مۇشەررەپنىڭ ئورنىغا كىم كېلىشىدىن قەتئىنەزەر پاكىستاننىڭ تالىبان تەرەپدارلىرىغا قارىتا پوزىتسىيىسىدىكى يۇمشاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى نۆۋەتتىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت سايلام مەزگىلىدە پاكىستان خەلقىغە بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەن. يەنى تالىبان كۈچلىرىگە قارىتا قاتتىق قول سىياسەتكە خاتىمە بېرىپ، پاكىستاندىكى پارتلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، پاكىستاندا تالىبان كۈچلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئافغانىستان بىلەن بىرلىكتە خىتاينىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان بىلەن مەخپىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن تالىبان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاشلا تەرەپلەر ئېتىراپ قىلمىغان ۋە گۇمانلار ئايدىڭلاشمىغان مۇناسىۋەتتۇر. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر ۋەزىيەت بۇ شەكىلدە تەرەققىي قىلسا، پاكىستاندا ئوقۇش، تىجارەت قىلىش ۋە باشقا مەقسەتلەر بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئازادىچىلىك تۇغۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا.