پاكىستان خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلىدى

پاكىستان دائىرىلىرى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەرجان ۋە ئەكبەرجان ئاكا‏-ئۇكىلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، چەتكە چىقىشى چەكلەنگەن كىشىلەر تىزىملىكىگە ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

0:00 / 0:00

خىتاي بىلەن بولغان ئالاھىدە قويۇق مۇناسىۋىتى بىلەن تونۇلغان پاكىستان دائىرىلىرى، پاكىستاندا ئۆز قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئىككى مەسئۇلىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلىدى. پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ «چەتئەلگە چىقىشى چەكلەنگەن» كىشىلەر تىزىملىكىگە ئېلىنغان ئۆمەرجان ۋە ئەكبەرجان ئاكا-ئۇكىلار 6-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيىدە ئېچىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى» يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەممە رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بېجىرىپ، ھەتتا ئايروپىلانغا چىقىش ئۈچۈن يۈك-تاقلىرىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بولغاندا ئايرودرومدىكى خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلدى.

ئەكبەرجاننىڭ شۇ كۈنى بىزگە بىلدۈرۈشىچە، ئىسلامئاباد ئايرودرومىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ تىزىملىكنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككىيلەننىڭ ئۇچۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسمى قاچان بۇ تىزىملىكتىن چىقىپ كەتمىگۈچە ھېچيەرگە بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. دۈشەنبە كۈنى ئۆمەرجان ۋە ئەكبەرجان ئىككىسى پاكىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئارقىلىق پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەھۋال سۈرۈشتۈرگىلى بارغان. ئۇلار مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن بىر پاكىستان پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پاكىستان قانۇنىغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلمىغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن بۇ تىزىملىككە كىرىپ قالغانلىقىنى سورىغان.

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار داۋاملىق ھالدا پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆزىتىلىپ كەلگەن ۋە ھەتتا بىر قانچە قېتىم پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا، كاشىلا قىلىشلىرىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەلگە چىقىشقا بولمايدىغانلار تىزىملىكىگە ئېلىنىپ، ئايروپىلانغا چىقىشى چەكلىنىشىدەك ئەھۋالنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى خادىملار خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئوچۇق بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارغا «سىلەر ئامېرىكىدىكى رابىيە قادىر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەچكىچە بىزگە ئىش تېرىپ بېرىسىلەر. بىز خىتاينىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار خاتا» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، بۇنىڭ پاكىستاننىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەتلىكىگە شەك كەلتۈرىدىغان بىر قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى بولسا خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. بۇ يىل مايدا پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانى خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىناقلاردىن ئۆتكەن مۇناسىۋەتلىكىنى تەكىتلەپ، خىتايغا بولغان يېقىنلىقىنى ئىپادىلىدى. پاكىستان خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنى چەكلىشىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، پاكىستان دائىرىلىرى2001-يىلىدىن بۇيان پاكىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ۋە ئىسمائىل سەمەت قاتارلىقلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ھەم پاكىستاندىكى باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنىمۇ قاتتىق تەقىب قىلىپ كەلگەن.

ئىستانبۇلدا ئېچىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەرجان ۋە ئەكبەرجان ئىككىسى نۆۋەتتە پاكىستان سوتىغا ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا. ئۇلار ئۆز سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمىسىمۇ، پاكىستان سوتىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، سوتنىڭ چوقۇم ئادىل قارار چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.