پاكىستان ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرۈپ خىتايغا يۈز ئاچتى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىلىرى قاسىم ناۋمان، ۋېيسۈيلى، زېھىن ھەيدەرلەرنىڭ ئىسلامئابادتىن ۋە بېيجىڭدىن يوللىغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، پاكىستان رەھبەرلىرى بۈگۈن خىتايغا مىسلىسىز كۆپ مەدھىيە ياغدۇرغان.

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جەنجۇ پاكىستاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئامېرىكا پاكىستانغا، ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلغان قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈش ھەققىدە جىددىي بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى. بۈگۈن پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈف رېزا گىلانى خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جەنجۇغا مەدھىيە ئوقۇپ، پاكىستان-خىتاي دوستلۇقى ھەقىقىي دوستلۇق، بىز بىر-بىرىمىزگە ئەڭ ئىشەنچ قىلىدىغان دۆلەتلەر، بىز خىتاينىڭ پاكىستاننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ قالغانلىقىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز دەپ جاكارلىغان.

ۋاشىنگتون بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن پاكىستاننىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان «ھەققانىي» دېگەن تەشكىلاتنى بىۋاسىتە قوللاپ، 13‏-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ كابۇلدىكى ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قوزغىدى دەپ ئەيىبلىگەندە، ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان دەلىللەرگە تېنىۋېلىپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكىغا، بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندەك بىر ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ دەپ تەھدىت سالغان پاكىستان پرېزىدېنتى ئاسىف ئېلى زەردارى بۈگۈن، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جەنجۇغا مەدھىيە ئوقۇپ، پاكىستان ئېغىر رىقابەتكە دۇچ كېلىپ، قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، خىتاينىڭ ياردەم بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، دەپ جاكارلىغان. پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال ئاشفاق كايانىمۇ، خىتاينىڭ پاكىستاننى قوللىغانلىقى ۋە بېرىۋاتقان ياردىمىنى «تەۋرەنمەس قوللاش» دەپ مەدھىيىلىگەن.

يىللاردىن بۇيان مول نېفىت بايلىقىغا ئىگە ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلات خىتايغا ھۇجۇم قوزغاۋاتىدۇ، بۇ تەشكىلات پاكىستاندا ھەربىي تەلىم ئېلىۋاتىدۇ، دەپ جاكارلاپ پاكىستاننى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان، بۇ يىل 7‏-ئايدىمۇ، قەشقەردە خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىگە بولغان غەزىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھۇجۇم قوزغىغان ئۇيغۇرلارنى، پاكىستاندا ھەربىي تەلىم ئالغان دەپ پاكىستاننى ئەيىبلىگەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىمۇ بۈگۈن پاكىستاننى، تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم تۆھپە قوشۇۋاتقان دۆلەت دەپ ماختاپ چىققان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جەنجۇ پاكىستان زىيارىتىدە، پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى بىلەن 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتى، باش مىنىستىرى، ھەربىي قىسىم قوماندانى قاتارلىق ھەممە چوڭ ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ خىتاينى، يىللاردىن بۇيان تېررورچىلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ مەدھىيىلىگەن. شۇنداقلا، خىتاي يىللاردىن بۇيان سىياسىي جۇغراپىيە مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنى، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق مەنپەئىتى بار رايون، پاكىستان بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇشتا بىر سەپتە تۇرىدۇ، دەپ جاكارلىغان.

بۈگۈن، پاكىستان ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرۈپ، خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى سېكرېتارى ھېلارىي كىلىنتون خانىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا پاكىستان مەسىلىسى بويىچە دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

بۈگۈن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرىدىن ۋاز كېچەلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ پاكىستاننى ئامېرىكىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن.

مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ، خىتاي ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، پاكىستان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى لىنىيىسى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا ھازىر ئاسىيادا تەسىرىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن، ھىندىستان، پاكىستانلار بىلەن تەڭ ھەمكارلىق لازىم بولىدۇ. خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، پاكىستان خىتاينىڭ ھەل قىلغۇچ مەنپەئىتى بار ئۇيغۇر رايونىغا چېگرىداش دۆلەت، خىتاي ئۇيغۇرلارنى تىنچىتىش ئۈچۈن پاكىستاندىن پايدىلانماي مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنمۇ پاكىستاندىن پايدىلانماي مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر پاكىستان ھەر يىلى ئامېرىكىدىن كېلىدىغان 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي ياردەمدىن ئايرىلىپ قالسا، توساتتىن كونتروللۇقنى يوقىتىش ھادىسىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، پاكىستاننىڭ يادرو قوراللىرى تېررورچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار، بۇ، ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ، خىتاي ئۈچۈنمۇ تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.