پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راخمان مالىك، پاكىستاننى زىيارەت قىلغان خىتاي دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ بىلەن ئىسلامئابادتا ئۇچراشتى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە تېررورلۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دېگەن تەشكىلاتقا قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
پاكىستاندا چىقىدىغان «ئېكىسپرېس» ناملىق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 27-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ پاكىستاننى زىيارەت قىلدى. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راخمان مالىك مىڭ جيەنجۇ ۋە ھەمراھلىرى بىلەن ئىسلامئابادتا ئۇچراشقان، بۇ ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بىخەتەرلىكنى قوغداش، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلاتقا ئورتاق قارشى تۇرۇش، پاكىستاننىڭ سەل ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلىرىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن راخمان مالىك بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ دۈشمىنى پاكىستاننىڭمۇ دۈشمىنى، خىتاينىڭ دوستى پاكىستاننىڭ دوستى، شىنجاڭدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز، بىخەتەرلىكنى قوغداشتا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز، پاكىستان زېمىنىنى ھەر قانداق بىرىنىڭ خىتايغا قارشى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلمايمىز»، دېگەن.
پاكىستاندا چىقىدىغان «جەڭ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راخمان مالىك بايانات ئېلان قىلىپ، «ھەر قانداق ۋەزىيەتتە پاكىستان زېمىنىنى خىتايغا قارشى قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا بۇ يەردە ھېچ قانداق پۇرسەت يوق»، دېگەن. راخمان مالىك سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۈچۈن 8 مىليون يۈەن ۋە كېرەكلىك ئەسلىھەلەر ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، مىڭ جيەنجۇ، پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ھەم پاكىستان چېگراسىنى قوغداشتا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستاننىڭ «ئېكىسپرېس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جىيەنجۇ، خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 8 مىليون يۈەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستاندا چىقىدىغان «بۈگۈن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مىڭ جيەنجۇ يەنە راۋالپىندى شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، پاكىستان گېنېرالى ئەشفاق پەرۋىز كىيانى بىلەن ئۇچراشقان، ئەمما ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى، مىڭ جيەنجۇنىڭ بۇ زىيارىتى، ئامېرىكا پاكىستان مۇناسىۋىتىدە سۈركىلىش پەيدا بولۇۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.
بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە مىڭ جيەنجۇنىڭ پاكىستاننى زىيارەت قىلىشى ۋە پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ھەم مۇستەقىللىقىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشى ۋە پاكىستان چېگراسىنى قوغداشتا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا، «پاكىستان ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاينىڭ سېپىگە ئۆتتى»، «پاكىستان، خىتاي بىلەن قارشىلىشىۋاتقان مۇسۇلمان مىلىتانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ»، «پاكىستان ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن قارشىلىشىشتا خىتايغا ياردەم بەردى»، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇمى قىلىشىغا پاكىستاندىن ياردەم تەگدى»، دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا ئۇچۇر تارقىتىلدى ۋە پاكىستان ئەيىبلەندى.
بىز، خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن پاكىستانغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى، پاكىستاننىڭ بىر تەرەپتىن ھىندىستاننىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركىلىش پەيدا بولغاندىن كېيىن خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۆز مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھېچ قاچان باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.