پاكىستان بىلەن خىتاي دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ پاكىستاندا تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى 7 يىلدىن بۇيان بۇ خىل ھەربىي مانېۋىرنى 4-قېتىم ئۆتكۈزۈشىدۇر. خىتاي بىلەن پاكىستان بۇ يىل يازدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خوتەن «ناۋاغ ۋەقەسى» ۋە قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەلىرى»دىن كېيىن، ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. پاكىستان ۋەدە بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىلگىرىلەپ قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. دۈشەنبە كۈنى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئاباد ئەتراپىدىكى جېخلۇم دېگەن يەردە باشلانغان ئىككى ھەپتىلىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردا ئىككى تەرەپ قىسىملىرىنىڭ ئۇچۇر ۋە ئۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي بىلەن پاكىستان 2004-يىلدىن باشلاپ تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، ھازىرغا قەدەر 3 قېتىم مانېۋىر ئېلىپ بارغان. يېقىنقى 7 يىل جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ مانېۋىرلارنىڭ ئىككى قېتىملىقى خىتايدا، بىر قېتىملىقى پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «دوستلۇق-4» ناملىق نۆۋەتتىكى ھەربىي مانېۋىرغا ئىككى دۆلەتنىڭ بېرىگادا دەرىجىلىك ئىككى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق مانېۋىردا قوللىنىلغان قورال-ياراق، مانېۋىرغا قاتناشقان ئەسكەر سانى، مانېۋىردا تەقلىد قىلىنغان ھۇجۇم نىشانى قاتارلىق مانېۋىرغا دائىر كونكرېت تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس.
بەزى ئانالىزچىلار پاكىستان-خىتاي ھەربىي مانېۋىرى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، بۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى نىقاب قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ھىندىستانغا قارشى ھەيۋە كۆرسىتىشكە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر.
بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلار مانېۋىرنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ناھايىتى نازۇك بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. يەنى مەزكۇر مانېۋىر ئامېرىكا، پاكىستان مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتى ھەققانىي گۇرۇھى قاتارلىق ۋازىرىسىتاندىكى ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈچلەرنى مەخپىي قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە ئاگاھلاندۇرۇلغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن. بۇ پەيت يەنە، بەزى پاكىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ پاكىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۇزۇلسا، بۇنىڭ ئورنىنى خىتاينىڭ تولدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنى تەشۋىشكە سېلىۋاتقان بىر مەزگىلدۇر.
بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر پاكىستان-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئېرىشكە باشلاپ، خىتاي-ھىندىستان سودا مۇناسىۋىتى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگراسى، كەشمىرنىڭ خىتاي كونتروللۇقىدىكى ئاقسايچىن رايونىدىكى ھەربىي قۇرۇلۇشى ھىندىستان ھەربىي دائىرىلىرىنى جىددىي بىئارام قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. شۇ سەۋەبلىك پاكىستان-خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، مانېۋىرنىڭ ھەقىقىي ئوبيېكتى كىمنى نىشان قىلغانلىقى تالاش-تارتىش قوزغىغان ئىدى.
بىراق، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا ئەسكەرتىپ، ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى مانېۋىرنىڭ ھىندىستانغا بېسىم ئىشلىتىشكە قارىتىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلغان. «جۇڭگو» گېزىتى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مانېۋىرنىڭ 3-بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق ئىلشات ھەسەن بۇنىڭ ھىندىستاننى خاتىرجەم قىلىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى، ھىندىستاننىڭ خاتىرجەمسىزلىنىشكە يېتەرلىك ئاساسى بارلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھىندىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن لاداق ئوتتۇرىسىدىكى قاراقۇرۇم چېگرا ئېغىزىنىڭ 98 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى شەيدۇللاھ دېگەن يەردە 13 باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۇنىلى قۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. شۇنداقلا بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىنىڭ يەنە شەرقىي لاداقتىكى خىتاي چېگرا كونترول سىزىقىدىن 40 كىلومېتىر نېرىدىكى قىزىل جىلغا دېگەن يەردىمۇ قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ھىندىستاننىڭ شىمالىي لاداقتىكى بەزى جايلاردا قىسقا مەنزىللىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا باشلىغانلىقى، قاراقۇرۇم چېگرا ئېغىزىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتبەگ ئۆلدى دېگەن يەردە بازا قۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن، بۇ ھىندىستاننى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمى خالاس. ھىندىستان ھەربىي ساھەسىدىكى زاتلار 3000-4000 كىشىلىك خىتاي قۇرۇلۇش قىسمىنىڭ پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پاكىستان قىسىملىرىغا ھەمكارلىشىپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ياساۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. ئۇلار يەنە، ھازىرقى قونجىراپ تاش يولىغا يانداپ ياسىلىدىغان قەشقەر-گىلگىت بالىستان تاش يولى خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ھەربىي مەقسىتىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدى.