خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان پاكىستاندىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي-پاكىستان ئىستراتېگىيىلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىدىغانلىقى جاكارلاندى. ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتىنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. بىرىنچىسى، خىتاي-پاكىستان سودا-ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پاكىستانغا 35 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانى، پاكىستان بىلەن بولغان "تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك"كە قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرىلەپ ئالغا سۈرۈشتۇر. ۋېن جياباۋ پاكىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن يەكشەنبە كۈنى پاكىستان پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، "ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق نىشانى" ئىكەنلىكىنى ۋە "ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ كېلەچىكى پارلاق " ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
پاكىستان يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئىزچىل ئەلقائىدە ۋە تالىبان كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋەزىيىتى تۇراقسىز، بىخەتەرلىك ئەھۋالى خەتەر گىردابىغا چۈشۈپ قېلىشتەك ھەر تەرەپلىمىلىك كرىزىسقا پېتىپ قالغان ئىدى. خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋەزىيىتى مۇقىمسىز پاكىستاندەك بىر دۆلەتكە 35 مىليارد دوللار مەبلەغ سالماقچى بولغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمىدى. بەزى ئانالىزچىلار بولسا خىتاينىڭ پاكىستانغا بۇنچىلىك كۆپ مەبلەغ سېلىشقا تەۋەككۈل قىلىشىدا ئۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىستراتېگىيىلىك سەۋەبى بارلىقى، ئۇ بىر تەرەپتىن پاكىستاننى يۆلەپ، ھىندىستاننىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى چەكلەشكە ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستاننىڭ پۈتۈنلەي ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىگە تايىنىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. پاكىستاندىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئوسمان ئەپەندى بۇ قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر.
پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان فېدىرال قەبىلىلەر رايونى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەلقائىدە ۋە تالىبان كۈچلىرىنىڭ پاناھگاھى بولۇپ كەلگەن. پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسى ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرىپىدىن قەبىلىلەر رايونىدىكى ئەلقائىدە ۋە تالىبان كۈچلىرىگە يېتەرلىك زەربە بەرمەسلىك، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرمەسكە سېلىش ۋە شۇنداقلا ئۇلارنى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كوزىر قىلىپ قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ پاكىستاندىن ئافغانىستانغا ئېقىپ كىرىشىنى كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لېكىن، ۋېن جياباۋ يەكشەنبە كۈنى پاكىستان پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا پاكىستاننىڭ يەرشارى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى رولىنى ئاقلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئۆتىگەن بەدىلىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ " پاكىستان خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپى. ئۇ بۇ يولدا زور بەدەل تۆلىگەن ۋە مۇھىم تۆھپە قوشقان دۆلەت. بۇ بىز ھەممىمىزگە ناھايىتى روشەن. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، قوللىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاكىستان ئۆزى تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك" دېگەن.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى پاكىستاننى تەنقىد قىلغۇچى غەرب ئەللىرىنىڭ كونكرېت تەنقىد نىشانى پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ۋازىرىستاندىكى تېررورچىلار بازىسىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىتىلغان. ۋېن جياباۋنىڭ پاكىستان پارلامېنتىدا قىلغان سۆزى دەل پاكىستان شىمالىي ۋازىرىستاندىكى "تېررورچى" گۇرۇھلارغا ئىستەكسىز مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. پاكىستان خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ يېقىن دوستى بولۇپلا قالماي، ئۇنى ياردەم، تېخنىكا ۋە يادرو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىن - بىر دۆلەت. ئوسمان ئەپەندى پاكىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە خىتاي ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، پاكىستانلىقلارنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا بىر تەرەپلىمىلىك قاراپ، خىتايغا دوستانە مۇئامىلە قىلىشىدا خىتاينىڭ دىپلوماتىك پوزىتسىيىسى، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان بىلەن يېقىنلىشىپ، پاكىستانغا بېسىم ئىشلىتىشى، تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ رولى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئانالىزچىلار يەنە، خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن يېقىنچىلىقى ئۇنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە دائىم بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاننى بازا قىلغان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگرا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇڭا خىتاي پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە دائىم 3" خىل كۈچلەر " مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پاكىستاندىن ھەر قانداق ئۆكتىچى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان خىتاي - پاكىستان قوشما ئاخباراتىدا بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ" تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە بىرلىشىپ كۈرەش قىلىشقا كېلىشكەنلىكى"نى بىلدۈرگەن.
ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى پاكىستان زىيارىتىدە پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن ئۆمەر ۋەخپىنىڭ ئىككى نەپەر پائالىيەتچىسىنى نەزەربەند قىلىپ، ئىككى كۈن تۇتۇپ تۇرغانلىقى ئېنىقلاندى. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستان ساقچىلىرىغا ئۈمەر ۋەخپى خادىملىرىنىڭ ۋېن جياباۋغا قارشى نامايىش قىلماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى ئۆمەت ۋەخپىنىڭ ھازىرچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان بۇ ئىككى پائالىيەتچىسىنى ئىككى كۈن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، تۇتۇپ تۇرغان. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى تۈنۈگۈن قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا نەزەربەند قىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، "پاكىستاننىڭ خىتايغا ناھايىتى زۆرۈر ئېھتىياجى چۈشۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتىگە دەخلى يېتىدىغان كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىشنى خالىمىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى نەزەربەند ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوسمان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىگە ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي پاكىستانغا كەلگۈسى 5 يىلدا 35 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي-پاكىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بۇ مەبلەغنىڭ قايسى كونكرېت تۈرلەرگە سېلىنىدىغانلىقى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلمىگەن. خىتاي پاكىستاننى يادرو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت. خىتاي -پاكىستان ھەمكارلىقىدىكى گۋادار پورت قۇرۇلۇشى ۋە خىتاي-پاكىستان يادرو ھەمكارلىقى ھىندىستان ھەم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنى ئىزچىل بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلەرنىڭ بىرىدۇر. خىتاينىڭ پاكىستانغا 35 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، خىتاي - پاكىستان سودا ھەجمىنى كۆپەيتىش پىلانىنىڭ پاكىستان يادرو ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.