پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى خىتاي بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى

خىتاينى زىيارەت قىلىش سەپىرىدىكى پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي - پاكىستان ئارىسىدىكى ئىقتىساد، سودا، سەرمايە، يادرو ئېنېرگىيىسى، تېخنىكا ۋە "تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش " قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

زەردارى بىلەن خۇ جىنتاۋ يەنە ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلق سارىيىدىكى 11 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا نازارەتچىلىك قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ.

پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارىنىڭ خىتاي زىيارىتى سەيشەنبە كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسى ئىقتىسادىي بۆھراننىڭ بوسۇغىسىدىكى پاكىستانغا خىتاي مەبلىغىنى جەلپ قىلىش، پۇل قەرز ئېلىپ پاكىستان تاشقى پېرىۋۇت زاپىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش، خىتاي پاكىستانغا يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ، پاكىستاننىڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە ئاچلىقىنى قاندۇرۇش، پاكىستان دۇچ كېلىۋاتقان دىپلوماتىك ئاۋارىچىلىقلارنى ئازايتىش ئىدى.

زەردارىنىڭ خىتاي زىيارىتى پاكىستان، ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان قەبىلىلەر رايونىدىكى تالىبان، ئەلقائىدە گۇرۇھىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان، ئامېرىكا ‏ - ھىندىستان يادرو ھەمكارلىقى پاكىستاندا راھەتسىزلىك يارىتىۋاتقان ۋە ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى قەتئىي بولۇش توغرىسىدىكى بېسىمى، پاكىستان ئىقتىسادى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلماقتا.

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق لېكتورى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ۋەزىيەت مۇلاھىزىچىسى ئىلشات ئەپەندى، پاكىستان دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىقلار ئىسلامئابادنى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، خىتاي بولسا پاكىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان ھاكىمىيەت بوشلۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكرار باش كۆتۈرۈشىگە يول ئېچىش ئېھتىمالى مەۋجۈت، دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن خەلق سارىيىدا خىتاي - پاكىستان ئارىسىدىكى مۇھىت، سودا‏ - ئىقتىساد، مەبلەغ سېلىش، تېخنىكا، تەبئىي بايلىقلارنى ئېچىش، سۈنئىي ھەمراھ، يېزا ئىگىلىك ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك 11 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا نازارەتچىلىك قىلىشنىڭ سەل ئالدىدا ئايرىم ئۇچراشقان . لېكىن ھەر ئىككى تەرەپ خۇ جىنتاۋ بىلەن زەردارىنىڭ سۆھبىتى قايسى كونكرېت مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. پاكىستان " مىللەت " گېزىتى ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، يېڭى شەرت - شارائىت ئاستىدا خىتاي - پاكىستان ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، خۇ جىنتاۋنىڭ "جۇڭگو پاكىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ" دېگەنلىكىنى، پاكىستاننىڭ " تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى " دە تۆلىگەن بەدىلىگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. زەردارى بولسا پاكىستاننىڭ "تېررورلۇققا ۋە دىنىي رادىكالىزىمغا قارشى كۈرەش "نى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، " تېررورلۇق پاكىستاننىڭ ئىستىقبالى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرى زەردارى خىتايغا قاراپ يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، زەردارىنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسىي پىلانى 3 نۇقتىغا يىغىنچاقلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ سودا ‏‏ - مەبلەغ - قەرز پۇل، يادرو كېلىشىمى، "تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق "نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. زەردارى ئالدىنقى كۈنى خىتاي سەپىرىگە چىقىش ھارپىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنى ۋە تېخنىك خادىملىرىنى گۆرۈگە ئېلىش، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن خېلىلا بىئارام بولماقتا ئىدى. 2007 ‏ - يىلى لال مەسچىتلىك تالىپلارنىڭ راۋالپىندىدا خىتاي پاھىشىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى لال مەسچىتلىك تالىپلار بىلەن پاكىستان ئارمىيىسى ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ چاغدىكى خەۋەرلەردە پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ لال مەسچىتكە خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، لال مەسچىت ۋەقەسىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر تالىپلارغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

زەردارىنىڭ بېيجىڭ سەپىرىدە خىتاينىڭ پاكىستان يادرو ئىستانسىسى قۇرۇلۈشىغا ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاز دېگەندە 500 مىليون دوللار قەرز ئېلىش مۇددىئاسىنىڭ ئەمەلگە ‏ئاشقان ياكى ئاشمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەنگىلىيە "پۇل - مۇئامىلە" گېزىتى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە زەردارىنىڭ بولسا بىر مىليارد 500 مىليون دوللارغا قەدەر، بولمىسا 500 مىليون دوللار قەرز ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، پۇل پاخاللىقى ۋە پاكىستاننىڭ سودا قىزىل رەقىمىدىكى بوشلۇقى پاكىستان تاشقى پېرىۋۇت زاپىسىنى قۇرۇقدىلىپ قېلىش ئەھۋالىغا ئاپىرىپ قويماقتا ئىدى. لېكىن ھىندىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھىندى مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن مەلۇماتلىرىدا، پاكىستان ھەربىي ئاخبارات ئورگىنىنىڭ پاكىستاندىكى ش.تۈركىستان گۇرۇھلىرىغا خىتاي پۇقرالىرىنى گۆرۈگە ئېلىش قولايلىقى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى مەقسەت خىتايلاردا پاكىستان خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم، دەيدىغان تەسىرات پەيدا قىلىش، پاكىستانغا ئەھمىيەت بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ يېقىندا ھىندىستان بىلەن يادرو كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى پاكىستاندا خاتىرجەمسىزلىك ياراتقان بولۇپ، ئانالىزچىلار پاكىستاننىڭ بۇ بوشلۇقنى خىتاي بىلەن بولغان يادرو ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن تولدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا زەردارىنىڭ خىتاي سەپىرىدە خىتاينىڭ پاكىستانغا يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىشكە ياردەم قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پاكىستان 2 يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىغا ئىگە، 3 ‏ - يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا كېتىۋاتىدۇ. لېكىن پاكىستان يەنە بىر يادرو ئىستانسىسى قۇرۇپ، ئېلىكتىر ئېنېرگىيىسى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىشنى پىلانلىماقتا. خىتاي پاكىستاننى ھەربىي قوراللار بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم دۆلەت بولۇپلا قالماي، خىتاي يەنە پاكىستاننى يادرو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم دۆلەتتۇر. ئىككى دۆلەتنىڭ 2007 ‏ - يىلدىكى ئومۇمى سودا ھەجىمى 7 مىليارد دوللار بولۇپ، تەرەپلەر 2011 ‏ - يىلغا قەدەر سودا ھەجىمىنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

زەردارى خەلق سارىيىدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا خىتاي - پاكىستان دوستلۇقىنى مەدھىيىلىگەن بولۇپ، ئۇ ": مەن مەرھۇم ئايالىم ۋە قېينىئاتامغا يۈز كېلىشنىڭ بىردىن ‏ - بىر يولى مېنىڭ تۇنجى رەسمىي زىيارىتىمنى خىتايدا ئېلىپ بېرىشتۇر " دەپ تەكىتلىگەن ۋە " خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەمدە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ تارىخ ماڭا يۈكلىگەن بىر ۋەزىپە " دېگەن .

زەردارىنىڭ ئايالى، سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بەننەزەر بۇتتو 2008 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا راۋالپىندىدىكى بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، زەردارىنىڭ قېينىئاتىسى، باش مىنىستىر زۇلپىقار ئالى بۇتتو بولسا پاكىستان گېنىرالى زىياھولھەقنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشىدە دارغا ئېسىلغان پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. خۇ جىنتاۋ زەردارىنىڭ قېينىئاتىسى زۇلپىقار ئالى بۇتتونى " جۇڭگو خەلقىنىڭ كونا دوستى ئىدى " دەپ تەرىپلىگەن شۇنداقلا بۇ ئىككى سىياسەتچىنى " ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىش ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. بىز بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز،" دەپ تەكىتلىگەن.