ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، پاكىستان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكىنى قوللاپلا قالماي يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق كۈرەشلىرىنى باستۇرۇشىغىمۇ ياردەم قىلغان.
" ئۇلار ئامېرىكىنى ئوخشىمايدىغان مۇددىئا - مەقسەت ۋە چىقىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ قوللىدى"
مەزكۇر ماقالە ھىندىستان ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىلار ئەترىتىدىن پېنسىيىگە چىققان مايور ھەمدە "دۇنيا دۆلەت مۇداپىئە ئوبزورلىرى" جۇرنىلىنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى تارىق مەھمۇد ئاشرافنىڭ ئاپتورلۇقىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنى، 11 - سېنتەبىر پاجىئەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان ۋە خىتاينىڭ ئوخشاشلا ھالدا ئامېرىكىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەنلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە: " ئەمما ئۇلار ئامېرىكىنى ئوخشىمايدىغان مۇددىئا - مەقسەت ۋە چىقىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ قوللىدى" دەپ ماقالىسىنى باشلايدۇ.
ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدا ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆپ ساندىكى قوشۇنلىرىنى خىتايغا يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە پاكىستاننى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشكە مۇۋەپپەق بولالىغان.
كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ۋاشىنگتون تەرەپكە بۇرىدى
ئاپتور بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق يازىدۇ: " بۇ ئىلگىرىلەشلەر خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا كېڭىيىۋاتقان تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە مەزكۇر رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ۋاشىنگتون تەرەپكە بۇرىدى."
ئاپتورنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى خىتاينىڭ ئاللىقاچان بېكىتىپ بولغان غەرب ئىستراتېگىيىسىنى كەسكىن رەۋىشتە ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ پارىس قولتۇقى ۋە ئەرەب دېڭىزىغا كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان گۋادار پورتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئاستىرىتتىن كۈچلۈك قوللىغان ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان.
ئاپتور پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى قوللىشى بىلەن پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر دەخلى يەتمىگەنلىكى، بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ خىتاينىڭمۇ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا زور دۆلەت مەنپەئەتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قوللىغان
ئاپتور ماقالە داۋامىدا، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا يەنە پاراللىل ھالەتتە بىر بىرىنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە پاكىستاننىڭ مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: " پاكىستان خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلاشتى. پاكىستان ئەسكەرلىرى شەرقى تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىنىڭ باشلىقىنى 2003 - يىلى ئۆكتەبىردە ئېتىپ ئۆلتۈردى" دەپ يازغان ۋە 2004 - يىلى خىتاي ھەم پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا قارشى مانېۋېر ئۆتكۈزگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلغان.
پاكىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا يولدا مېڭىشقا مەجبۇر
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىدىن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ "دىندىن خالى" ۋە "لىبېرال" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تېررورلۇققا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتقان شارائىتتا يەنە خىتاي - ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق تەڭشەش مەسىلىسىگە ھەمدە پاكىستان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىكى قوللاشتا خىتاي تەرەپكە ئېغىپ كېتەمدۇ؟ پاكىستان ئارمىيىسى خىتاي تەرەپتىن ئۆزىگە ئېھتىياجلىق قوراللارنى ئالالامدۇ؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا دۇچ كېلىدىكەن.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ پاكىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىنى تەڭشەپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ ماڭىدىكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەشتە پەقەت ئوتتۇرا يولدا مېڭىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پاكىستان ئامېرىكىنىڭ ئىلغار قوراللىرىنى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرغاندىن سىرت خىتايدىن كۆپلەپ ئەرزان باھالىق قوراللارنى سېتىۋېلىشىنى توختاتمايدىكەن.
ماقالىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن تەھلىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، پاكىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىكەن ھەمدە ئوخشاش ۋاقىتتا پاكىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىمايدىكەن ۋە پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پاناھ جايىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىدىكەن.
ماقالە ئاپتورى تارىق مەھمۇد ئاشراف ئەپەندى مۇداپىئە ۋە ئىستراتېگىيە پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ ئۇ ھازىر خەلقئارا سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلماقتا.