پاكىستان بىلەن خىتاي ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بېرىشكەن

پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي زىيارىتىگە ئامېرىكا ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سەزگۈرلىكىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدۇر. لېكىن پاكىستان - خىتاي ھەمكارلىقى ئۇيغۇرلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە چېتىلغان بولۇپ، زەردارى بىلەن خۇ جىنتاۋ يەنە ئاتالمىش"3 خىل كۈچلەر"گە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى ئانالىزچىلار پاكىستاننىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.07.07
zardari-hujintao-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﺯﺍﺭﺩﺍﺭﻯ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 - ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺧﯘﺟﯩﻨﺘﺎﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﻛﺘﻪ
AFP Photo

پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارىنىڭ بىر ھەپتىلىك خىتاي زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ئىدى. ئۇ چارشەنبە كۈنكى بېيجىڭغا كېلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى يادرو ئېنېرگىيە، ئاساسى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئالاقە، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرگە چېتىلغان بولۇپ، ئۇلار يەنە تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەزكۇر زىيارەت ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە خۇ جىنتاۋنىڭ زەردارىنى كۈتۈۋېلىپ، "جوڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ھەر ئىككىلىسى تېررورىزمنىڭ قۇربانى"، "جوڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەر ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى" دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي بىلەن پاكىستان 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە ھەمكارلىشىپ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىزچىل ئەسكەرتىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاننى بازا قىلىپ، خىتايغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى خىتاي - پاكىستان ئالى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا دائىم تەكىتلىنىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.

زەردارى خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن خىتاي - پاكىستان ئالاھىدە ھەربىي قىسىملىرى لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىدىكى بىر مەشق مەيدانىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان ئىدى. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانېۋىردىكى تەقلىدىي دۈشمەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بولۇپ، مانېۋىرغا ئىككى دۆلەتنىڭ 230 دەك ئەسكىرى قاتناشقان. لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي - پاكىستان ئارىسىدىكى تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقنىڭ جىددىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەتكە.

پاكىستان ۋەزىيىتى ۋە خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ئانالىزچىلاردىن ھىدەيتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەھدىتىنىڭ كۆپتۈرۈۋېتىلگەنلىكى ۋە تەرەپلەرنىڭ بۇ ھادىسىنى كوزىر قىلىپ، ئۆز مۇددىئاسى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مەركىزى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ ئۇزۇن يىللار پاكىستاندا ياشاپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا خۇ جىنتاۋ يەنە ئىسلامئابادنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سالامەتلىكى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. پاكىستان خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم قورال ياراق خېرىدارى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى بولۇپ، خىتاي پاكىستانغا مەبلەغ سالىدىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. زەردارى شاڭخەيدە خىتاينىڭ بانكا ۋە شىركەت مەسئۇللىرىنى پاكىستانغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، شاڭخەيدە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قورال - ياراق ئىشلەپچىقىرىش كارخانلىرىدىن شىمالى سانائەت گۇرۇھى، جوڭگو سۇ ئىنشائات ئېلېكتر قۇرۇلۇش گۇرۇھى، جوڭگو نېفىت خىمىيە شىركىتى ۋە جوڭگو نېفىت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.

بۇ شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرى پاكىستاننىڭ يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇشى، گۋاداردىكى دېڭىز پورتى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئە ۋە سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقان شىركەتلەر بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى بۇ شىركەتلەرنىڭ پاكىستاندا ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم تېخنىك خادىملىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى. ھىدايەتۇللا ئەپەندى، پاكىستاندا بۇ تۈرلۈك ۋەقەلەرنى كىمنىڭ پەيدا قىلىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەكنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرى ياكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە بېيجىڭنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ھەمكارلاشقۇچىسى. پاكىستان ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ياكى ھازىرغا قەدەر ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر بار. پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئىسلامئاباد خەلقئارا ئەھدىنامىلارنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

ھىدايۇتۇللا ئوغۇزخان بولسا پاكىستاننىڭ كېلەچىكىگە ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 3 - ئايدا خىتاي پاكىستانغا ئىككى يادرو رېئاكتور قازىنى قۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغان ئىدى. لېكىن بۇ ئامېرىكا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە ئەندىشە قوزغاپ، يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ تېررورچى گۇرۇھلار ياكى تالىبانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. زەردارىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ئۇنىڭ پاكىستاندا پرېزىدېنتلىق تەختىگە چىققاندىن بۇيان ئېلىپ خىتاينى 5 - قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.