ساقچىلار 4 كۈننىڭ ئالدىدا ئابدۇخالىق ئىسىملىك بىر ياشنى، ئارقىدىن ئىنايىتۇللاھ ئىسىملىك بىر ياشنى، ئالدىنقى كۈنى يەنە 80 ياشلىق مۇھەممەد روزى ئىسىملىك كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. تۈنۈگۈن يەنە پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ دادىسى، ئانىسى ۋە ئىككى قېرىندىشى تۇتقۇن قىلىنىپ بىر كۈن سوراق قىلىنىپ قويۇۋېتىلگەن.
پاكىستان ساقچىلىرى بۇ قېتىمقى ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق بىر رەسمىيەت ۋە سەۋەب كۆرسەتمىگەن.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار تۈنۈگۈن ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنى قوپاللىق بىلەن ئاختۇرغاندىن كېيىن، ئۆمەر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋە ئىنىسى ئەكبەرنى تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىن ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سېلىپ، ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ 15 ياشلىق ئىنىسى خالىدنى ئۆيىدىن، يەنە بىر ئىنىسىنى ئىشلەۋاتقان ئاشخانىسىدىن باغلاپ ۋە كۆزىنى تېڭىپ ئېلىپ كەتكەن.
يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدىكى تۇتقۇندا جەمئىي 9 كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ، بۇلاردىن 7 نەپىرى قويۇۋېتىلگەن؛ ئىككىسى تېخىچە قويۇۋېتىلمىگەن ھەم نەدىلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ساقچىلار ئىزدەۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەر ۋە ئىنىسى ئەكبەر غايىپ بولغان. نۆۋەتتە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋەقەنى ئەجەبلىنىش ئىچىدە كۆزەتمەكتە ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان ساقچىلىرى يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئۈستىدىن بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا ھېچقانداق مەسىلە تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلاشماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان.
ئۆمەر ئۇيغۇر قاتارلىق ياشلار، 4 - ئاينىڭ ئاخىرى بىلگىيىدە ئېچىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلات رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئالدىنقى ھەپتە بېلگىيە كونسۇلىغا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغان. خىتاي كونسۇلىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بىئارام بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
