پاكىستاندا بىر ئۇيغۇر ئايال 4 بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولدى

بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن پاكىستانلىق بىرى بىلەن توي قىلغان ۋە پاكىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر ئايال، يولدىشىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىنىڭ زورۋانلىقى سەۋەبلىك 4 بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان. نۆۋەتتە ئۇ 4 بالىسى بىلەن بىرلىكتە پاكىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە مۈكۈنۇپ تۇرماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭ رادىئومىزغا ئەھۋال ئېيتىپ بىلدۈرۈشىچە، يولدىشى بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن تىجارەت ئىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا كېتىپ، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن يولدىشىنىڭ قېرىنداشلىرى ئاسىيەگە باشتا تاپا - تەنە قىلغان بولسا، كېيىن ئۇنى تىللاشقا ۋە ئۇرۇشقا باشلىغان. ئاسىيە 3 ئاينىڭ ئالدىدا قېيىن ئاكىسىدىن بىر قېتىم ئېغىر تاياق يىگەندىن كېيىن 4 بالىسىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پراگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.