پاكىستاندىكى 'ئۆمەر ئۇيغۇر مەكتىپى' تاقىلىپ قالدى

بۇلتۇر 3 - ئايدا، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى تەرىپىدىن ئېچىلغان "ئۆمەر ئۇيغۇر مەكتىپى"نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تېزلىكتە كۆپەيگەن ئىدى. ئەمما بۇ يىل 3 - ئايدا مەكتەپنىڭ بىر يىللىقى خاتىرلەنگەندىن كېيىنلا، مەكتەپ تاقىلىپ قالغان.

0:00 / 0:00

مەكتەپنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدا پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كۆپ رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستاندا باشقا بىر مەكتەپ ئاچقان ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى بۇ مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ئۇنداقتا "ئۆمەر ئۇيغۇر مەكتىپى" نىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈلۈۋاتامدۇ؟

بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپە تەرىپىدىن ئېچىلغان "ئۆمەر ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى"نىڭ، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرى سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، "ئۆمەر ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى"نىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئەكبەر ئەپەندى، ئۆمەر ئەپەندى ۋە مەكتەپنىڭ يەنە بىر خادىمىنى زىيارەت قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەكبەر ئەپەندى، "ئۆمەر ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى" ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيانقى ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا مەكتەپ ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ھەم بۇ يىل " ئۆمەر ئۇيغۇر مەكتىپى"گە قارشى ھالدا باشقا بىر مەكتەپ ئاچقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەكبەر ئەپەندى، خىتاي كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەكتەپ ھەققىدە توختىلىپ، يېڭى ئېچىلغان مەكتەپكە رازاخان دېگەن كىشىنىڭ مۇدىر قىلىنغانلىقى، رازاخاننىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ قۇرغان "ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى كومىتېتى"نىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى ۋە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان مەكتەپكە بەرگەن ئىقتىسادىي ياردىمى قاتارلىق ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

بىز، يېڭى قۇرۇلغان مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، مەكتەپ مۇدىرى رازاخان ئەپەندىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، رازاخان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەس، ئەكسىچە پاكىستانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

ھازىرچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۆمەر ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ يەنە بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رازاخاننىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختايدىغان تەشۋىقاتلارنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ خادىم يەنە، "ئۆمەر ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى"نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن بۈگۈنكى كۈنلەردە مەكتەپنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەكتەپ مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە "ئۆمەر ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى" نى قايتا ئېچىش ئۈچۈن، پاكىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ۋە پات ئارىدا ئانا تىل مەكتىپىنى قايتا ئېچىشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.