پاكىستاندا ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان، "ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى"نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر ئەپەندى ھەم ئەكبەر ئەپەندى قاتارلىق ئاكا - ئىنىلەر رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى" قارمىقىدىكى" ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى"نىڭ بىر يىللىق نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىدى.
ئەكبەر ئەپەندى بىزگە ۋەخپە قۇرۇلغان، بۇ بىر يىل جەريانىدا، بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىنى، مانا ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 15 نەپەردىن 50 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئانا تىلى سەۋىيىسىنىڭ خېلى ياخشىلانغانلىقىنى، ھازىر بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەيدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى، ھەتتا بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭمۇ بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا شۇتاپنىڭ ئۆزىدىلا ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپنىڭ بىر يىللىق ئوقۇتۇشىنى خۇلاسىلەپ، ياخشى ئوقۇغان بالىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
"ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى"نىڭ بۇ يىللىق " ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچى" مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلاردىن مەريەم، سىيىت ئەكبەر،مامۇتجان، قاتارلىق بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن مەريەمنىڭ ئانىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، راۋان ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىغا ھەم ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى ۋە ئارزۇ تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.
"ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى"نىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەر ئەپەندى ھەم ئەكبەر ئەپەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنى قۇرۇش ۋە بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۈگۈتۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلىپ، ھازىر پاكىستاندا پاكىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلاردىن تەخمىنەن 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى پاكىستانغا 50 - 60 - يىللاردا كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغىنى ئۈچۈن، شۇ يەرنىڭ يەرلىك تىلى بولغان ئوردۇ تىلىدا مەكتەپ تەربىيىسى ئالغىنى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇش خەۋپىگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ، ئىسلام ئاباد يېنىدىكى 1000 دەك ئۇيغۇر ئاھالىسى بولغان راۋىلبىندى شەھىرىدە، " ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى" قارمىقىدىكى" ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى"نى قۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مىللىي كىملىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇلار يەنە "ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى"نىڭ بۇ بىر يىل جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەخپە قارمىقىدىكى " ئۇيغۇر ئاننا تىلى" مەكتىپىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى، ھازىر ئۆزلىرىنىڭ يەنە 20 ياشتىن يۇقىرى بولغان ياشلارنى ھەر خىل ھۈنەر كەسىپلەر بىلەن تەربىيىلەپ، ئۇلارنى تۈركىيە ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تېخىمۇ يۇقىرى بىلىم ئېلىشقا ئەۋەتىپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى شارائىت يارىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.