'ئىككى دۆلەت ئارىسىغا خەتەرلىك ھالدا قىسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلار'
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.11.17
2010.11.17
RFA Photo / Shohret Hoshur
ماقالىدە، راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدا سىقىلىپ قالغان بولسىمۇ، خىتايدىكىگە قارىغاندا مۇئەييەن جەھەتتە ئەركىن ياشاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
NBC تورىدا بېرىلگەن مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ، راۋالپىندىدا يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار مەزكۇر شەھەردىكى بىر قىسىم سودا رايونلىرىنى ئاچقان ئىكەن.
ماقالىدا مۇنداق يېزىلغان: "چېگرا سودىسىنى كۆزلەپ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن 50 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىسى، ئۇيقۇدىكى گوردون ئىنستىتۇت يولىنىڭ ھازىر ' خىتاي بازىرى ' دەپ ئاتىلىدىغان گۈللەنگەن سودا رايونىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى."
ھالبۇكى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشپىيونلىرىنىڭ دەستىدىن، ھېيت - بايرام، نەزىر - چىراغلاردا بىرگە بولسىمۇ، سىياسىي جەھەتتە ھەمسۆھبەت بولالمايدىكەن.
ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پېشقەدەم ئۇيغۇر سودىگەر: "بىز سىياسىي مەيدان ۋە ئېتىقادلىرىمىز ھەققىدە ئوچۇق - ئاشكارا سۆزلەشمەيمىز. بىز خىتاي ئىشپىيونلىرىدىن دائىم گۇمان قىلىپلا تۇرىمىز،" دېگەن.
ماقالە ئاپتورى، راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يۈزىسىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن.
ماقالىدە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 1949 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئەينى چاغدىكى 5 پىرسەنتتىن كۆپىيىپ، نۆۋەتتە 40 پىرسەنتكە يېقىنلاشقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى ئۇلغايتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: " ئۆتكەن 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ دىنى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىدى. ياڭراتقۇلاردا ئەرزان توۋلاش ۋە مەدرىسە ئېچىش مەنئى قىلىندى. ھەجگە بارىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ قاتتىق قىسقارتىلدى."
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چەكلىمىلەرنى " ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش" ۋە " مۇستەقىللىقنى مەقسەت قىلغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يىلتىزىدىن قورۇپ تاشلاش" دەپ سۈرەتلەپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەل مۇشۇ سىياسەتلەر تۈپەيلى ئەركىنلىك ئىزدەپ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۆزىنى مۇھەممەد دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇر سودىگەر بۇ ھەقتە توختىلىپ: " بىز 1990 - يىللاردا بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلدۇق. پاكىستاندا تۇرۇش خىتايدا تۇرغاندىن ياخشى. خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ" دېگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئازغىنە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پاكىستانغا يەرلىشىشى، ئىسلامئاباد دائىرىلىرىنى خىتاينىڭ ئالدىدا قېيىن ئەھۋالدا قويغان. ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان: "پاكىستاندا ئىسلامىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ' شىنجاڭلىق ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونلىرىدا يوشۇرۇنۇپ ياتماقتا ' دەپ ئىشىنىدىغان خىتاينى ئەندىشىگە سالدى."
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاينىڭ يېقىن دوستى بولغان پاكىستانمۇ بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان ۋە راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنى دائىم ئەكېلىپ سوراق قىلىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان.
1980 - يىللاردىن بۇيان راۋالپىندىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر سودىگەر بۇ ھەقتە توختىلىپ: "ئۇلار بىزنىڭ خىتايغا قارشى چىقىشىمىزدىن ئەنسىرەيدۇ" دېگەن ۋە بۇندىن 3 ئاي ئىلگىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىر ئۇيغۇر سودىگەرنى تۇتۇۋېلىپ 15 كۈن سوراق قىلغانلىقىنى مىسال كەلتۈرگەن.
ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ - كېلىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي چېگراسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە يۇرتىغا قايتقان ئاتا - ئانىسىنىڭ تېررورلۇق گۇمانى بىلەن سوراق قىلىنغانلىقىنى ئەسلەپ: "دادام 85 ياشتا، ئانام 75 ياشتا ئىدى. تېررورچى؟ نېمە دېگەن بىمەنىلىك بۇ" دەپ ۋارقىراپ كەتكەن.
ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ سابىق تاشىقى ئىشلار كاتىپى رئىئاز خوكار: " خىتاي بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىمىز سەۋەبلىك، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى قائىدە - قانۇنلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك" دېگەن. ھالبۇكى ئۇ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىتىش نىشانى قىلىنغانلىقىنى رەت قىلغان. خوكار يەنە خىتاينى پاكىستاننىڭ ئەڭ ياخشى ئىتتىپاقدىشى دەپ كۆرسەتكەن ۋە "بىز بۇنىڭغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىمىز" دېگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغىمۇ ئۆز ئىشپىيونلىرىنى تىقىشقا تىرىشماقتا ئىكەن. ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىدىكەن. 1998 - يىلى بىر ئۇيغۇر سودىگەر راۋالپىندىدە سىياسىي تەشكىلات قۇرماقچى بولغان، ئەمما كۆپ نەتىجە قازىنالمىغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتچى يوقاپ كەتكەن.
بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى بۇ ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: "ئىشىنىمىزكى، ئۇ ئەلۋەتتە، ئارىمىزدىكى خىتايغا قارشى كىشىلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىشقا قويۇلغان خىتاي ئىشپىيونى" دېگەن.
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، راۋالپىندىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوخشىمايدىغان سەۋەبلەر بىلەن بۇ يەردىكى ھاياتىدىن خېلى رازى ئىكەن.
بەزىلەر سودىسىنىڭ ياخشى كېتىپ بارغانلىقىدىن خۇش بولسا؛ بەزىلەر دىنىي جەھەتتە خىتايدىكىدەك چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەن.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە رادىئومىزدا بىر قىسىم ماقالىلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە كۆپ نەرسە يېزىلمىغان ئىدى. بۇ بەلكىم پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولسا كېرەك.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.