پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى مەنىلىك پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.19
2010.11.19
پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىلىكىمۇ بەزى كىشىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە قۇربانلىق قوي تارقاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلاردا قاتتىق نارازىلىق قوزغاپ، قارشىلىققا ئۇچرىغان.
چەتئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار گەرچە داۋاملىق بىر - بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسىمۇ، مۇشۇنداق ھېيت - بايراملارنى پۇرسەت بىلىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ھال ئەھۋال سورىشىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل كۈنلەردە مەنىلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، چەتئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان ياش ئەۋلادلارغا ئۆزىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى تونۇتۇشمۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالدى. ئۇشبۇ نىيەت بىلەن پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارمۇ پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، بىرلىكتە قۇربانلىق قىلىشقان. بىز پاكىستاندىكى ھېيت ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى.
كېيىن، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇقېيىم ئەپەندى بىزگە بۇ يىل پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتىدىن مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار پاكىستانغا يەرلەشكىلى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان بولۇپ، بۇ يەردە چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەن. شۇڭا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بۇ نۇقتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ياشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان.
پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ يىللىق قۇربان ھېيتتا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قۇربانلىق قوي تارقاتقان. ئەمما، پاكىستاندىكى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ سىرتىدا نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ئەلچىلىكى تەرىپىدىن تارقىتىلغان قوينى ئالماي ئۇنى قايتۇرۇۋەتكەن. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەكپەرجاننىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي ئەلچىلىكى بۇلتۇرمۇ ئوخشاش ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىكەن.
ئەكپەرجان پاكىستاندىكى ياشلارنىڭ ھازىر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاندا بولۇپمۇ، مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان. شۇڭا بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى توغرا يېتەكلەش، ئۇلارنى ئۆز ئانا تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەھمىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
ئابدۇقيىېم ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇشى ئۈچۈن كۆپرەك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىشنى مۇراجەت قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.