مەزكۇر ئايالنىڭ كەچمىشى ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ۋە پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن يۇرتى كورلىغا يولغا سېلىپ قويۇلغان ئىدى. مۇخبىرىمىز بۈگۈن كورلىغا تېلېفون قىلىپ مەزكۇر ئايال ۋە بالىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئايال ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى يۇرتى كورلىغا قايتىپ بارغاندا، يەنە بىر قاتار كۆڭۈلسىز ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان. ئۇ ئالدى بىلەن پاكىستانلىق يولدىشىنىڭ خېروىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ 14 يىل كېسىلگەنلىكىنى ئۇققان. ئۆزى چوڭ بولغان ئۇيغۇر مەھەللىسىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. ئائىلىسىدىكى 6 قېرىنداشنىڭ تىرىكچىلىك ئۈچۈن كورلىنى تاشلاپ باشقا شەھەرلەرگە كەتكەنلىكى، ئاچىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلگەن 289 يۈەن پۇل ياردەم پۇلى بىلەن ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان. ئۇ نۆۋەتتە 4 بالىسى بىلەن ئەنە ئاشۇ ھۆكۈمەتتىن ياردەم ئېلىپ ياشاۋاتقان ئاچىسىنىڭ ھىمايىسىدە ياشىماقتا.
بىر پاكىستانلىققا توي قىلىش بىلەن بېشىغا پاكىستاندا بىر قاتار ئاۋارىچىلىكلەر كەلگەن بۇ ئۇيغۇر ئايال ئاسىيە قۇربان، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىنمۇ، يۇقىرىقىغا ئوخشاش يەنە بىر قاتار ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەن. مەلۇمكى، ئوڭۇشسىزلىق دۇنيانىڭ نەرىدە كۆرۈلسە-كۆرۈلسۇن ئۇ ئوڭۇشسىزلىقتۇر؛ ئەمما ئۇ ئوخشاش ئوڭۇشسىزلىقنى ئانا زېمىنغا دەسسەپ تۇرۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ باغرىدا ياشاپ تۇرۇپ تارتىشنىڭ چەتئەلدە ياشاپ تۇرۇپ تارتقانغا قارىغاندا نەچچە 10 ھەسسە يەڭگىل توختايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.