پالاۋ پرېزىدېنتى تورىبئوڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن دوستلۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبئوڭ، ئۆتكەن جۈمە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن دوستلۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى ۋە ئامېرىكىنىڭ پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل خادىمى Tedd Glen ئەپەندىلەر ئىشتراك قىلغان.

0:00 / 0:00

غەيرىي رەسمىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە پالاۋ ھەققىدە ئۆز ‏-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

ۋاقىت 11 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى؛ ئورۇن پالاۋ پايتەختى كوروردىكى لاندمارك مېھمانخانىسى. سۆھبەت پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبئوڭ تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

سۆھبەتتە ئۇيغۇر ۋەكىللەر، پالاۋنىڭ 6 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "

دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىدىن ۋاز كېچەلمەي، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، پالاۋ تارىخىي بىر قارار ئېلىپ، 6 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلدى. دۇنياغا ئۆلگە ياراتتى. بۇ سەۋەبلىك پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقى پالاۋدىن ۋە پالاۋ پرېزىدېنتىدىن مىننەتداردۇر."

پالاۋ پرېزىدېنتى ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتى يوقلۇقىنى، ئامېرىكىدىن ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ كەلگەندىن كېيىن، 2 سائەتنىڭ ئىچىدە قوبۇل قىلىش قارارىنى ئالغانلىقىنى؛ بۇنىڭغا ئامېرىكا ئوتتۇرا سوتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت تورىبئوڭ يەنە، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش قارارىنىڭ سەۋەبلىرىنى بىر - بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

-- ئالدى بىلەن بارىدىغان جايى بولمىغانلارغا پاناھلىق بېرىش بىزنىڭ ئەنئەنىمىز؛

-- ئىككىنچىدىن، ئىنسانپەرۋەرلىك بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى؛

-- ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز؛

-- تۆتىنچىدىن، ئادۋوكاتلىق تارىخىم ۋە شەخسىي ھېس ‏- تۇيغۇلىرىم، بۇ قېتىمقى قارارىمدا بىرلىكتە رول ئوينىدى.

Shohret-Palawdiki-Uyghurlar-oyide-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺎﻻﯞﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﻟﻐﯘ ﺋﻮﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. (RFA Photo / Shohret Hoshur)

تورىبئوڭ سۆھبەت داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش قارارىنى ئېلان قىلغاندا، ئۆز دۆلىتىدىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ سىياسىي رىقابەت ئۈچۈن، مەزكۇر قارارغا قارشى تۇرۇپ باققانلىقىنى، ئەمما قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ پالاۋ خەلقى ئۇيغۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاساسەن قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە 6 نەپەر ئۇيغۇر ئورۇنلاشقان ئۆي، پرېزىدېنت تورىبئوڭنىڭ ئىنىسىنىڭ قوروسى بولۇپ، پرېزىدېنت بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن 6 نەپەر ئۇيغۇرغا يېقىنچىلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم ئۆكتىچى كىشىلەرگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەرگەن.

سۆھبەت داۋامىدا پرېزىدېنت تورىبئوڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتىغا بولغان قىززىقىشىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ھەقتە سوئاللار سورىدى. ئىلشات ئەپەندى رابىيە خانىمنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ئارقىدىن ئۆزىنىڭ پالاۋدىكى تەسىراتى ھەققىدە توختىلىپ، پالاۋلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىدىن تونۇشۇش جەريانىىدىكى قىززىقچىلىقلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تورببئوڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش قارارىنى بەرگەندە، قارارىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ بۇ دەرىجىدە زور بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلىق بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر قارارىدىن ئۆزىنىڭمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى ۋە ۋىجدانىنىڭ شۇ تاپتا ناھايىتى راھەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تورىبئۇڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، نۈۋەتتە پالاۋدىكى 6 ئۇيغۇرنى ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە خىزمەت مەسىلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ تولۇق ئەركىنلىككە ئېرىشتى دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى قەدىمىدە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.