
AFP Photo
گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پالاۋغا يېتىپ بارغىنىغا بۈگۈن 10 كۈن بولدى. ئۇلار نۆۋەتتە پالاۋغا ئورۇنلىشىشنىڭ بىر قىسىم قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرمەكتە؛ شۇنداقلا ئۇلار، پالاۋدا يېڭىدىن باشلىنىدىغان ھاياتى، زۆرۈرىي تەييارلىقلارنى قىلماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ پالاۋغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ھاياتى توغرىسىدا پالاۋ پايتەختى كوروردىن بەرگەن نەقمەيدان خەۋىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.