پالاۋدا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن دوسلار، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، رادىئومىز، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنى پالاۋغا ئەۋەتكەن ئىدى. مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

0:00 / 0:00

گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پالاۋغا يېتىپ بارغىنىغا بۈگۈن 10 كۈن بولدى. ئۇلار نۆۋەتتە پالاۋغا ئورۇنلىشىشنىڭ بىر قىسىم قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرمەكتە؛ شۇنداقلا ئۇلار، پالاۋدا يېڭىدىن باشلىنىدىغان ھاياتى، زۆرۈرىي تەييارلىقلارنى قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ پالاۋغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ھاياتى توغرىسىدا پالاۋ پايتەختى كوروردىن بەرگەن نەقمەيدان خەۋىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.