ئۇيغۇر ئېلىدە ياشانغانلار پاراۋانلىق مەسىلىلىرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج


2006.04.20

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشانغانلار نىسبىتى بارغانچە ئۆرلەۋاتقان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ياشانغانلار نوپۇسى بىر مىليون 7 يۈز مىڭدىن ئاشقان. بۇ ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 8.6%نى ئىگىلەيدىكەن. مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ماڭغاندا -2010يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلى ياشانغانلار كۆپ بىر جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىكەن.

ياشانغانلار نىسبىتى شىددەت بىلەن ئاشماقتا

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ستاتىستىكا ئىدارىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشانغانلار نىسبىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېشىپ تەڭپۇڭسىز ھالەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى، يىگىرمە يىلدىن بېرى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ كۈچەيتىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ بارغانچە تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشىدىن ئىكەن.

شۇنداقلا نوپۇسشۇناسلارنىڭ قىياس قىلىشىچە، ياشانغانلار نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى پۈتۈن خىتايدا چوڭ بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئۇلارنى بېقىش ۋە پاراۋانلىق سىستېمىلىرى ياخشىلانمىغاندا يەنە ئون، يىگىرمە يىلدىن كېيىن بىر جۈپ توي قىلغان ئەر ‏- ئايال ئىككى تەرەپنىڭ جەمى تۆت ياشانغان ئاتا ‏- ئانىسىنى بېقىشقا توغرا كېلىدىكەن، بۇ مەسىلە ئائىلە بېسىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەت، دۆلەتنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلىقىغا، جەمئىيەت تەرەققىياتىغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20 ‏- ئاپرىلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ياشانغانلار خىزمەت يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەسقەت كېرىمباي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ياشانغانلار يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان بىر جەمئىيەتكە كىرگەنلىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ياشانغانلار ساناتورىيىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ياشانغانلارنىڭ ھەر خىل پاراۋانلىق سىستېمىلىرىنى ئورنىتىپ، تەشۋىقاتتا جەمئىيەتنى ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش، ئائىلىدە ئۇلارغا ئىللىق شارائىت يارىتىش، تۇرمۇشتا ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارغا روھىي ئوزۇق بېرىشنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەسقەت كېرىمباينىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ 60% تىن كۆپرەكى يېزا‏- قىشلاقلاردا ياشىماقتا ئىكەن. شۇڭا ئۇ، بولۇپمۇ يېزا‏- قىشلاقلاردىكى ياشانغانلارنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياشانغانلار پاراۋانلىقى تولىمۇ ئارقىدا

ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز ئارقىلىق ئىگىلىشىمىزچە، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا قارىتا جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى تولىمۇ ئارقىدا ئىكەن، مەيلى جەمئىيەتتە ياكى ئائىلىدە بولسۇن ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالى ناچار ئىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيىسىدىن ئىگە بولۇشىمىزغا قارىغاندا، مەيلى ئاممىۋى ياكى دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ساناتورىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەق ئېلىنىدىكەن. بۇ خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ساناتورىيە 60 تىن ئاشقان ياشانغان ھەمدە تۇرمۇشتا ئۆزىگە تايىنالمايدىغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلسىمۇ، ئەمما دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ساناتورىيىلەر ئۇنداق ئاغرىق ياكى ئۆزىگە تايىنالمايدىغانلارنى قوبۇل قىلمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەخسۇس ساناتورىيە يوق ئىكەن. ئادەتتە ئۇلار بىر ياشانغان كىشىدىن بىر ئايدا ياتاق ھەمدە تاماق پۇلى بولۇپ 470 يۈئەن ئالغاندىن باشقا، ئەگەر ئۆزىگە تايىنالمىسا كۈتۈش ھەققى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىم ھېسابلىنىدىكەن.

بىز يەنە ناھىيە‏ - يېزىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە، قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئورگىنىغا تېلېفون قىلىپ ياشانغانلارنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىغا دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلىدۇق. بۇ ناھىيىدىن زىيارىتىمىز قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال، نۆۋەتتە ياشانغانلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى، كۆپ ساندىكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىق سىياسىتىدىن بەھرىمان بولالمىغاندىن سىرت، ئائىلىدىمۇ تېگىشلىك مېھرى مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.