پارىخورلۇق ۋە ئۇنىڭ شۇملۇقى

ئۆلىمالار پارىخورلۇقنىڭ ئەڭ يامان ئىجتىمائىي جىنايەت ئىكەنلىكىنى ۋە پارا بەرگەن ۋە ئالغان، ئۇنىڭغا سايە قىلغان، ۋاسىتە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ جىنايەتكە شېرىك ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتە.

0:00 / 0:00


پارىخورلۇق - بىراۋنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش ياكى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنى تارتىۋېلىش ياكى ئۇنىڭغا كەلگەن ئامەتنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ياكى گۇناھسىز بىرىنى قارىلاش ياكى بىرەر جىنايەتكارنى ئاقلاش ياكى ئۇنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلىتىش ياكى قانداقلا بىر دەۋا ئىشىدا قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە قارىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم مىقداردا پۇل ياكى پۇلغا توختايدىغان بىر نەرسە بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، پارىنى بەرگەن ۋە ئالغان ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار، ئىنسانىيەت ئالدىدا ئەيىبكار بولىدۇ.

پارا بېرىش ياكى ئېلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر، خەتىرى چوڭدۇر

ئۆلىمالار پارىخورلۇقنىڭ باشقىلارنىڭ ھېسابىغا ئىشلەنگەن جىنايەت بولۇپلا قالماستىن، ھەق - ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان خىيانەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پارىخورلۇق ئەڭ يامان خىيانەتچىلىك بولۇپ، ھەق - ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا، ئادالەتسىزلىك ۋە تەڭسىزلىككە، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە نامەردلەرچە خىرىس قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىشقا، تۆھمەتلەرنى ئارتىپ ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈشكە، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا، خاتىرجەملىك، ئامانلىق ۋە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىنتايىن قەبىھ ۋە رەزىل قىلمىشتۇر.

پارا بېرىش ياكى ئېلىش ئىسلام دىنىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دىنلاردا ۋە پۈتۈن قانۇنلاردا قەتئىي ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ پارا بەرگۈچىگە، ئۇنى ئالغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا سايە قىلىپ ۋاسىتە بولغۇچىغا لەنەت قىلدى» دېيىش ئارقىلىق پارىخورلۇق جىنايىتىنىڭ جازاسىنى بايان قىلغان. ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىق ئاخىرەتلىك نېسىۋىدىن پۈتۈنلەي قۇرۇق قالغانلىقتۇر.

پارىخوقلۇقنىڭ شۇملۇقى كۆپ

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇللا ئىبنى سالىھ ئەل قەسىر «مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم ۋەزلەر» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:

پارىخورلۇق رەزىل قىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ شۇملۇقى ناھايىتى كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ ھارام مالدۇر، پارىخورلۇق قىلىپ پۇل تاپقان ئادەمنىڭ قىلغان سەدىقىسى قوبۇل بولمايدۇ، دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ، ئۇ قەلبى قارىيىپ، گۇناھنى قورقماي ئىشلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، تەقۋالىقتىن يىراقلىشىدۇ، نەپسىي شەيتانغا بەكرەك ئەگىشىدىغان، ھارامدىن قورقمايدىغان، ھالالنى ئىلغىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. پارىخورلۇقنىڭ مۇندىن باشقا شۇملۇقلىرى كۆپتۇر. پەيغەمبىرىمىز بىر ھەدىستە«ھارامدىن ئوزۇقلىنىپ ئۆسكەن بەدەن دوزاخقا ھەقلىقتۇر» دېگەن. قۇرئان كەرىمدە«بىر - بىرىڭلارنىڭ پۇل - مېلىنى ناھەق يەۋالماڭلار» دېيىلگەن.