پارىژدا ئۇيغۇرلار چوڭ نامايىش ئېلىپ باردى

5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا قارشى چوڭ نامايىشلارنىڭ بىرى، 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىشنى فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىش بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن پارىژدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ نامايىش بولغان ۋە نامايىشقا كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

0:00 / 0:00

نامايىشچىلار ئۇيغۇرچە، فرانسۇزچە، ئېنگىلىزچە شۇئارلارنى توۋلاپ، پارىژ جۇمھۇرىيەت مەيدانىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن.

فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان 10 - ئىيۇل كۈنى، ئۇيغۇرلار يەنە، پايتەخت پارىژ شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنى فرانسىيە خەلقىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان.

فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ئەپەندى ھەمدە باش كاتىپى نۇرگۈل خانىملار مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.