پارىژدا فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

فرانسىيە ئۇيغۇرلىرى 2008 ‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى پارىژدىن ئۆتكەندە، ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ نامايەن قىلىش بىلەن تونۇلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئادەم سانىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، فرانسىيە خەلقىگە ئۇيغۇر دەۋاسىنى كەڭ كۆلەمدە تونۇتۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.

2009 ‏- يىلى 3 - يانۋار كۈنى پارىژدا فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ 2008 - يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2009 ‏- يىللىق ھەرىكەت پىلانى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.