تۈركىيىدىكى پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا ئۇيغۇرلار قايسى پارتىيىگە ئاۋاز بەرمەكچى؟

بىر قىسىم تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرى، ئافغانىستان، ئىراق تۈركمەنلىرى، ئۆزبېك، قازاق ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، سايلامدا ئۆزلىرىگە ئاۋاز بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

0:00 / 0:00

6-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىغا 24 سىياسىي پارتىيە قاتناشماقچى. سايلامغا بىر ئايدىن ئاز ۋاقىت قالغان كۈنىمىزدە، پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرى ھەر خىل يوللار بىلەن خەلققە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانسا نېمە خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاتماقتا.

turkiyediki-ozbekler-385.jpg
تۈركىيىدىكى ئۆزبېكلەر. 2011-يىلى ماي. (RFA/Erkin Tarim)

پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرىنىڭ كۆپى تۈرك خەلقىگە ئىچكى سىياسەت ھەققىدە ۋەدىلەر بەرمەكتە. ئەمما بەزى پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرى، ئافغانىستان، ئىراق تۈركمەنلىرى، ئۆزبېك، قازاق ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، سايلامدا ئۆزلىرىگە ئاۋاز بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار قايسى پارتىيىگە ئاۋاز بەرمەكچى؟ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار سايلامدا نېمىلەرنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئاۋاز بەرمەكچى؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.