نۇرغۇن كىشىلەر تور بەتلىرىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ،"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخى كونترول قىلىپ بولمىغان، " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ئۇيغۇرلار ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان، قوراللىق ئەسكەرلەر كوچىدا چارلاپ يۈرۈۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەلقئارا بىلەن بولغان تېلېفون ھەم ئىنتېرنەت ئالاقىلىرى تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار بىر - بىرىدىن ئېھتىيات قىلىدىغان، مۇشۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا بۇنداق بىر پروگراممىنىڭ سەھنىگە چىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر مەسخىرە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىستانسىمىزنىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى ۋە ئىنكاسلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى تور ئابونتلىرىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مەزگىل تۇرغان لىئۇ ئەپەندى بۇ پروگراممىنى بىر ئالدامچىلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى مۇنداق دەپ يازغان: " بۇ ناخشا ئەسلىدىكى 'شىنجاڭ ياخشى' دېگەن لەپەر ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلىنىپتۇ، '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'دىن ئىلگىرى بۇ ناخشىنى ئاڭلىساق ئانچە ئەجەبلىنىپ كەتمەيتتۇق، ئۇ چاغدا ھەر ھالدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا بۇنداق زور قانلىق توقۇنۇش بولمىغان ئىدى، ھۆكۈمەتمۇ ھازىرقىدەك زور قوشۇن يۆتكەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمىگەن ئىدى. 'شىنجاڭ تىنچلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ۋەزىيەت مۇقىملاشتى' دەيدۇ. نەدىمۇ تىنچلىق ئەسلىگە كەلسۇن، ھازىر شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت يەنىلا شۇنداق كەسكىن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار يەنىلا بىر - بىرىگە ئارىلاشمايدۇ، ئىنتېرنېت ئەسلىگە كەلمىدى، قوراللىق ساقچىلار كوچىلاردا چارلاپ يۈرىدۇ ... بۇنداق بىر مەزگىلدە ئارتىسلار سەھنىگە چىقىپ، 'شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاق، ۋەزىيەت مۇقىم، پارتىيىنىڭ سىياسىتى ياخشى' دەپ ناخشا ئېيتسا بۇ بىر مەسخىرە ئەمەسمۇ؟"
ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تور بەتلىرىدە بۇ پروگرامما ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرگە چەك قويغان بولۇپ، خىتايدا بىرقەدەر قارشى ئېلىنىدىغان ئەركىن مۇنازىرە تور بېكەتلىرىدىن، شۇپىڭ، يۈئېپىڭ، دۇبىئەنۋاڭ قاتارلىق تور بەتلىرىگە چاپلانغان بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر ئېلىۋېتىلگەن ئىكەن.
بۈگۈن چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن " يۆنىلىش" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مەسئۇلى ئېلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ پروگرامما ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەم خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: " ھازىر چاغانلىق سەنئەت پروگراممىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر پروگراممىنى تاللىشىنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ بىر ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئەكس مەنىسىدە چۈشەنگىنىمىزدىلا ئاندىن ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " پارتىيىنىڭ سىياسىتى ياخشى، شىنجاڭدا ۋەزىيەت مۇقىم" دېگەن تەشۋىقاتنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئۆزى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى مۇقىمسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقىنى تونۇغان ھەم ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن تىرىشقان بولسا ياخشى بولاتتى. لېكىن، ھازىر كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا قورال كۈچى ئارقىلىق خەلقنى باستۇرۇپ، ئۆز سىياسىتىنى پەردازلاپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ تەشۋىقاتقا خەلقئارا جەمىيەتلا ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ ئۆزى ئىچىدىكى پۇقرالارمۇ ئىشەنمەس بولۇۋاتىدۇ. خىتايدىكى تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتىكى بەس - مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپىيىپ، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىدلىشى مانا مۇشۇ سەۋەبتىن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تىككەن زەھەرلىك مېۋىلىك كۆچەتنىڭ مېۋىنى ئەمدى يېمەيمۇ ئامال يوق. كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ئەمدى بۇ مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايمۇ ئامالى يوق."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئېلشات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە بۇنداق بىر نومۇرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە بۇ پروگرامما خىتاينىڭ بۇ يىللاردىكى سىياسىتىگە قىلىنغان بىر قاتتىق مەسخىرە ئىكەنلىكىنى، بۇ پروگرامما قويۇلسا خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ نارازىلىقى ۋە كۈلكىسىگە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى تېخى پۈتۈنلەي كونترول قىلىنىپ بولۇنمىغان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقاتنى ئېلىپ بېرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى پەدازلاپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنى خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن چەتكە ئېلىش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.