ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئىشلىتىشىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر مۈشكۈل بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟
خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ 28 - سېنتەبىردە ئېلان قىلغان "پاسپورت ئىشلىتىشنىڭ ئاسانلىشىشى، ئىشىكنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى 60 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ بىر كۆرۈنىشى" دېگەن تېمىدىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2008 - يىلى بىر يىلى ئىچىدە خىتاي چېگرىسىدىن كىرىپ چىققانلار 350 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سان 30 يىل ئىلگىرىكىدىن 80 نەچچە ھەسسە ئارتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن، ھەر يىلى ئۆكتەبىر ۋە چاغانغا ئوخشاش بايراملىق دەم ئېلىشلىرىدا خالىغان دۆلەتلەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىش مودا بولىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خالىغان ۋاقىتتا خالىغان جايغا بېرىپ تاماشا قىلاللايدىكەن بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلىدىن باشلاپ بارغانچە پۇقرالارنىڭ پاسپورت ئىشلىتىش، چېگرا ئاتلاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە ئوخشاش مۇناسىپ رەسمىيەت بېجىرىش يوللىرىنى بارغانچە ئاسانلاشتۇرغان، بولۇپمۇ 2006 - يىلىدىن باشلاپ شەخسىي پاسپورت ئىشلەش ئۈچۈن، تەلەپ قىلىنىدىغان چەتئەلدىن كەلگەن چاقىرىق بولۇشى شەرتىمۇ قىسقارتىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە، خىتاينىڭ 289 شەھەرلىرىدە پۇقرالار پەقەت كىملىكى ياكى نوپۇسى، ئۈچ پارچە رەسىمى بىلەنلا، تېز بولغاندا 15 مىنۇتتا، كېچىككەندە 15 كۈن ئىچىدە پاسپورتىنى قولىغا ئالالايدىكەن.
خەلق گېزىتىدىكى مەزكۇر ماقالىدە يەنە تەكىتلىشىچە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورت بېجىرىشىدىن باشقا چېگرىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىمۇ ئاددىيلاشقان. خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن نۆۋەتتە 137 دۆلەت ۋە رايونغا ساياھەت ئىشلىرى ئېچىۋېتىلگەن. بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا ئوخشاش، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئايرودروملىرىدا چېگرىدىن ئۆتۈش تەكشۈرۈشى بىر مىنۇتقىمۇ يەتمەيدىكەن، كۆپلىگەن شەھەرلەردە ئۇزۇن بولغاندىمۇ 25 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
ھالبۇكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەيلى قانداقلا سەۋەب بىلەن چېگرا ئاتلىماقچى بولسۇن،پاسپورت ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بىرىنچى ئۆتكەلنىڭ ئۆزىدىلا، خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانچىلىك چەكلىمە ئىچىدە يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى، رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلار ۋە ياكى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاشكارىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئىشلىتىشى بارغانچە مۈشكۈل بولىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاسپورت ئىپشلەتمەكچى بولغان ئۇيغۇرلارغا قويىدىغان شەرتلىرىنى ئادەتتىكىدىنمۇ كۈچەيتىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلار ئادەتتە پاسپورت ئىشلىتىش ئۈچۈن مەھەللە كومىتېتى، ساقچىخانا، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق 10غا يېقىن ئورۇننىڭ رۇخسەت تامغىلىرىدىن باشقا، زاكالەت تاپشۇرۇش، كېپىللىك بەرگۈچى تېپىش قاتارلىق خىتاينىڭ باشقا ھېچقانداق جايىدا تەلەپ قىلىنمايدىغان شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك بولۇپ، ئاز دېگەندە ئايلاپ، ئۇزاق بولغاندا يىللاپ يول مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن.
ئۇيغۇرلار پاسپورتنى ئوڭۇشلۇق بېجىرگەن تەقدىردىمۇ، چېگرا ئاتلاش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇنلىغان تەكشۈرۈش ھەمدە ئالاھىدە چىڭ سىياسىي ھەم قانۇنىي ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھەتتا ئىككى يىل ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغان ئىدى. مەزكۇر سىياسەت خىتاينىڭ ھەتتا دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر جايىدا كۆرۈلمىگەن ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى سۈپىتىدە تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە قالغان ئايالى ھەم پەرزەنتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى پاسپورت بېجىرىشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئائىلىسى بىلەن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولىۋاتقان سانسىزلىغان مۇھاجىترەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورت بېجىرىشتىمۇ ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ پۇقراسى دەپ ھېسابلىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،" دەيدۇ.
خىتاينىڭ پاسپورت ئىشلەپ بېرىشىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانچىلىك مۈشكۈللۈكى ھەققىدە كاناداغا كۆچمەن بولغان ئۇيغۇرلاردىن تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى مىسال قىلىپ، "بۇنى قانداقمۇ باراۋەر سىياسەت دېگىلى بولسۇن؟" دەيدۇ.
يېقىندا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاسپورت ئىشلەشنى پۈتۈنلەي توڭلىتىپ قويغان، ھەتتا چەتئەللەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ پاسپورت ئىشلىتىش ئىنتايىن قىيىن بولماقتا ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، "ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا پۇقرالارنىڭ پاسپورت بېجىرىشكە ئوخشاش، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەقەللىي ھوقۇقىغىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىكى خىتاينىڭ مەھكۇملىكىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى،" دېدى.