خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋالماقتا


2006.12.13

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئۈچ ئاي بۇرۇن باشلانغان پاسپورتى بار ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتى بولۇپمۇ ئاخىرقى بىر ئايدا كەسكىنلەشكەن. خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەتتا ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ كىشىلەرنىڭ پاسپورتىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغان.

خوتەندىكى بىر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پاسپورتلىرىنى تاپشۇرمىغانلارنىڭ تىجارىتىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتكە كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا چەت دۆلەتلەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ، تېپىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ پاسپورتلىرىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ئەگەر تاپشۇرمىسا، پاسپورتلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا تەھدىت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.