غايىب ئوغلىنى ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا نازارەت قىلىنىپ كېلىۋاتقان پاتىگۈل غۇلام، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كېلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئۇقۇپ، پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆيىدىن ئەتىگەندىلا چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئۆزى ئاڭلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن نوغاي مەسچىتنىڭ ئالدىدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى كۈتىدۇ. ئەمما ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنى نازارەت قىلىشقا بېكىتىلگەن ساقچىلار سانلىرى كۆپەيگەن ھالدا ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولىدۇ ۋە ئۇنى تار كوچىغا قىستاپ ئاپىرىپ، چوڭ يولدا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. پاتىگۈل غۇلام گەرچە ساقچىلار بىلەن كۆپ تاكاللاشقان ۋە تىركەشكەن بولسىمۇ، شۇ كۈنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سۆزلىشىش ئەمەس، ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. پاتىگۈل غۇلام مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە شۇ كۈنكى ساقچىلار بىلەن بولغان جېدىلى ۋە رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا دېيەلمەي قالغان سۆزلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئانا: ئەردوغاننىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ بارسام، بۇ ئىتلار يەنە كەينىمگە كىرىۋالدى.....
مۇخبىر: تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈرۈمچىگە كەلگەندىمۇ؟
ئانا: شۇنداق.
مۇخبىر: ئەردوغاننىڭ كەلگىنىدىن سىز قانداق خەۋەر تاپقانتىڭىز؟
ئانا: ئەتىگەندە سەيگە چىققان ئىدىم، بۇ ئىتلار(ساقچىلار دېمەكچى) سەيخانىنىڭ ئىچىگىچە ماڭا ئەگىشىپ كىردى، ئادەتتە تالادا تۇرۇپ كۆزىتەتتى. نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ سورىسام، خەقلەر تۈركىيىنىڭ باشلىقى ئەردوغان كېلىدىكەن دېدى. شۇڭا سەينى ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپلا سىرتقا چىقتىم. دابازانىڭ ئالدىغا بارسام، بازار تاقاق، ھەممە يەرنى ساقچىلار توسۇۋېتىپتۇ. ئاڭلىسام ئەردوغان ناماز ئوقۇغىلى نوغاي مەسچىتىگە كېلىدىكەن. شۇڭا نوغاي مەسچىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. ساقچىلار كېلىپ بىزنى چوڭ يولدىن ھەيدەپ تار كوچىغا سولاپ قويدى.
مۇخبىر: خەق نارازى بولمىدىمۇ؟
ئانا : بولدى؛ بىرى، نېمانچە قىلىدىغاندۇ بۇلار دېگەنتى، يەنە بىرەيلەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە يوقاپ كەتكەنلەر بار، شۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ قالامدىكىن دەپ قورقىدۇ ھەرقاچان، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مەن شۇ بالىسىنى يوقىتىپ قويغانلاردىن بىرى، مېنىڭ بالامنى ھۆكۈمەت يەپ كەتتى دېدىم، بىردەمدىن كېيىن بىرى كەپتۇ بايا نېمە دېدىڭىز؟ دەيدۇ؛ بالامنى ھۆكۈمەت يەپ كەتتى دېدىم، خاتا دەپتىمەنمۇ؟ دېدىم، يەنە دەيمەن، قانداق قىلىسەن دېدىم، بولسا مۇشۇ گېپىمنى سورايدىغان، سۈرۈشتە قىلىدىغان باشلىقىڭنىڭ يېنىغا ئاپار مېنى، 2 يېرىم يىلدىن بۇيان شۇنداق باشلىقنى تاپالمايۋاتىمەن دېدىم....
مۇخبىر: شۇنداق قىلىپ، ئەردوغاننى كۆرەلىدىڭىزمۇ؟
ئانا: كۆرەلمىدىم، كۆرگىلى قويمىدى.
مۇخبىر: سىزگە ئوخشاش كۆرەلمىگەنلەر جىقمۇ؟
ئانا: جىق-جىق.
مۇخبىر : كۆرۈشكەن بولسىڭىز نېمە دەيتتىڭىز؟
ئانا: شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئېزىلىۋاتقانلىقىنى دەيتتىم، بىزنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىمىزنى دەيتتىم.
مۇخبىر: كونكرېت بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويامتىڭىز؟
ئانا: دەيتتىم، ھېچقانداق سەۋەبسىز بالىسىنى تۇتۇپ ئەكېتىدىغان، تۇتۇپ ئەكېتىپ يوقىتىۋېتىدىغان ئىش سىلەردىمۇ بارمۇ؟ باشقا دۆلەتلەردىمۇ بارمۇ؟ ياكى يالغۇزلا مۇشۇ جۇڭگودا بارمۇ؟ دەيتتىم. مېنىڭ بالامنى يوقىتىۋەتتى، سەن بىر مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ باشلىقىكەنسەن، سەن بۇنىڭغا قانداق قارايسەن دەپ سورايتتىم.
مۇخبىر: بەلكىم ئەردوغان بىز ئۇقماي قاپتۇق، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىزگە بۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاق، مەسىلە يوق دېگەنتى دەپ قېلىشى مۇمكىنتى.
ئانا: ئۇ چاغدا بىز مانا مۇشۇنداق ئىتتىپاق دەپ مېنى نازارەت قىلىۋاتقان ساقچىلارنى كۆرسىتەتتىم.
مۇخبىر: ئەگەر تەلىپىڭىز نېمە دەپ قالسا، نېمە دەيتتىڭىز؟
ئانا: بۇلار ئىچكى ئىشىمىزغا ھېچكىمنى ئارىلاشتۇرمايمىز دەۋاتىدۇ رادىئو -تېلېۋىزورلاردا. بۇلار بەك يامان بوپ كەتتى، سىزنىڭمۇ كۈچىڭىز يەتمەسلىكى مۇمكىن، ئاڭلىسام، دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق دەيدىغان بىر يەر باركەن، شۇ يەرگە دەپ قويۇڭ دەپ دەردىمنى، شۇلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ يىغىمىزنى، بۇ يەردە ھېچكىم بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلىمىدى، قانخور، يىرتقۇچ ساقچىلار ھېچكىمگە گېپىمىزنى ئاڭلاتقىلى قويمىدى، دەيتتىم. مۇشۇ گەپلىرىمنى ئەردوغانغا دەۋالالىغان بولسام، بېشىمغا نېمە كۈن كەلسە رازىتىم....
يۇقىرىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر دەردمەن ئانىنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا دېيەلمەي قالغان سۆزلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.