پاتىگۈل غۇلام «پەلەستىن بىلەن سۈرىيىدىكى ئانىلار مەندىن بەختلىك ئىكەن»

بۈگۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نۇقتىسى پەلەستىن ۋە سۈرىيىدىكى ۋەزىيەتكە مەركەزلەشمەكتە، بولۇپمۇ ئۇ جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.11.28
patigul-ghulam-305.jpg غايىبلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام.
RFA/Shohret Hoshur

ئۇنداقتا، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق پەقەت مۇشۇ ئىككى جايدىلا يۈز بېرىۋاتامدۇ ياكى زوراۋانلىقنىڭ ئەڭ ۋەھشىيسى مۇشۇمۇ؟ بۇ سوئالغا ھەر كىم دۇنيانى كۆرۈش، بىلىش ۋە چۈشىنىش دەرىجىسىگە قاراپ پەرقلىق جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. بۇ سوئالغا، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان، 4 يىلدىن بېرى غايىب ئوغلىنى ئىزدەۋاتقان بىر ئانىنىڭ جاۋابى مۇنداق «پەلەستىن ۋە سۈرىيىدىكى ئانىلار، ئۇيغۇر ئانىلىرىدىن بەختلىك، چۈنكى، ئۇلار بالىلىرىنىڭ جەسىتىگە ئىگە بولالايدۇ، ئۇلار دۇنياغا ئۆزىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىتالايدۇ....»

تۆۋەندە دەردمەن ئانا پاتىگۈل غۇلامنىڭ مانا بۇ تەسىراتى ھەققىدە تەييارلانغان پروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

مۇخبىر: پاتىگۈل خانىم، قانداق ئەھۋالىڭىز، بۈگۈن ئاۋازىڭىز بوشراق چىقىۋاتىدىغۇ؟
ئانا: ئويلىنىپ قېلىۋاتىمەن، تېلېۋىزورلاردىكى خەۋەرلەرگە قاراپ.

مۇخبىر: مەسىلەن قانداق؟
ئانا: خەۋەرلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇۋاتىمەن، پەلەستىندىكى، سۈرىيىدىكى ئانىلار يىغلاۋاتىدۇ، قاقشاۋاتىدۇ، ئۆلۈپ كەتكەن بالىلىرى ئۈچۈن. ھەيران قېلىۋاتىمەن، ئۇلار يىغلىيالايدىكەن، دۇنيا ئۇلارنى كۆرىدىكەن، بىزنى كۆرمەيۋاتىدىغۇ؟!!! يىغىمىزنى ھېچكىم ئاڭلىمايۋاتىدىغۇ؟ بىز ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان ئادەم چىقمىدىغۇ؟!!! بىز ئاجىزكەنمىز، بىز بەك بىچارىكەنمىز!!! خۇدايىم جازاسىنى بېرەر! كېچە-كۈندۈز يىغلاپ دۇئا قىلىۋاتىمەن، خۇدايىم جازاسىنى بېرەر.

مۇخبىر: دېگىنىڭىزدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى پەلەستىن ۋە سۈرىيىلىكلەرنىڭكىدىن ئېغىر دەپ قارايدىغانلار بار.
ئانا: ئۇلارنىڭ بالىلىرى (دۈشمىنىنى) تىللىيالايدىكەن، تاش ئاتالايدىكەن، يۈرىكىگە پاڭڭىدە بىر پاي ئوق تېگىپ پوككىدە چۈشسە، ئانىلىرى «بالام» دەپ بېرىپ باغرىغا باسالايدىكەن. «ئوغلۇم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلدى، ئوغلۇم شېھىت» دېيەلەيدىكەن؛ بىزچۇ؟ بىز ئوغۇللىرىمىزنىڭ جەسىتىگىمۇ ئىگە بولالمىدۇققۇ؟ قېنى ئوغلۇممۇ دېيەلمىدۇققۇ؟ دېسەك سولاپ قويدىغۇ؟! بۇ خەق بەك ۋەھشىيكەن، بۇ خەق بەك ۋەھشىيكەن!»

مۇخبىر: خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق، شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تولۇق بىلەلمەيۋاتقان بولسا كېرەك.
ئانا: قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق بالىلىرىمىزنى ۋەھشىي ھايۋانلارنى تۇتقاندەك تۇتۇپ ئەكەتتى، يەپ كەتتى، يوق قىلىۋەتتى. ماڭا ئوخشاش كېچە-كۈندۈز يىغلاۋاتقان نۇرغۇن ئانىلار بار، خەپ دەپ ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئائىلىلەر بار. ئويلاپ قالىمەن، نىمىمۇ گۇناھ قىلغان بولغىيتۇق ئاللانىڭ ئالدىدا؟ نىمىشكىمۇ بۇ ھايۋانلارنىڭ قولىغا قالغانىدۇق؟ بەلكىم بۇمۇ ئاللانىڭ بىر ھېكمىتىدۇ؟! ئاللاھ ھەممىگە قادىر، ئاللاھىم ھېسابىمىزنى ئەپبېرە!!!

مۇخبىر: دىنىي تەلىماتلاردىمۇ، پەننىي مەلۇماتلاردىمۇ ھەرقانداق نەرسىنىڭ دەۋرىيلىكى بولىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ؛ دېگىنىڭىزدەك، بۇ يىغىلارنىڭمۇ بىر ھېسابلىنىدىغان ۋاقتى بولۇشى مۇمكىن.
ئانا: پەلەستىندىكى، سۈرىيىدىكى ئانىلارغا دەپ قويۇڭلار، ئۇلار يىغلىمىسۇن، ئۇلار بىزدىن بەختلىك ئىكەن. ئۇلار بالىلىرىنى ئۆزلىرى يەرلىكىدە قويالايدىكەن، جەسىتىگە ئىگە بولالايدىكەن، ھازا ئاچالايدىكەن.. مەن بالامنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنىمۇ بىلمەيمەن، يۈرىكىنى سۇغۇرۇۋالدىمۇ، بۆرىكىنى يۇلۇۋالدىمۇ، بۇنىمۇ بىلمەيمەن.

مۇخبىر: پاتىگۈل خانىم، بۈگۈنكى پارىڭىمىز مۇشۇنچىلىك بولسۇن، مەن يەنە سىزگە تېلېفون قىلىمەن.
ئانا: بولىدۇ، يوقاپ كەتمەڭ، تېلېفونىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن...

مۇخبىر: داۋاملىق تېلېفون قىلىشنى ئويلايمەن، بىراق جاراھەتلىرىڭىزنى تاتىلاپ قويامدىمەنكىن دەپ ئەندىشە قىلىمەن.
ئانا: ياق، جاراھىتىم تاتىلانمايدۇ، يۈرىكىمنىڭ زەردابلىرى چىقىپ كېتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.