مەجبۇرىي پاختا تېرىشتىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن دېھقان ئەمدى ھاشارغا ئېلىپ كېتىلدى


2005.11.08

CHINA-XINJIANG-COTTON-15.jpg
1998-يىلى 11-نويابىر كۈنى بىر ئايال پاختىزارلىقتا پاختا تەرمەكتە. ئەينى ۋاقىتتا، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى بىرىنچى قېتىم زور تۈركۈمدىكى خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.AFP

بۇ يىللىق پاختا تېرىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن بىز، ئىچكىرىدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشقا كېلىشى ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا ئېلىپ كېتىلىشى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىدۇق. بۇنىڭ قاتارىدا بىز كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان، يولدىشى مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا ئېلىپ كېتىلگەن بىر دېھقان ئايال رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىز بۇ ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ تېخى يېقىندىلا پاختا تېرىشتىن قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن ئۇ يەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇلارغا يەنە تېلېفون ئاچتۇق. لېكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بۇ كىشى ئۆيدە يوق ئىدى. چۈنكى ئىككى ئايلىق مەجبۇرىي پاختا تېرىش ئەمگىكىدىن قايتىپ كەلگىنىگە تېخى ئەمدىلا 3-4 كۈن بولغان بۇ دېھقان، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن يەنە 10 كۈنلۈك مەجبۇرىي ھاشارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ مەزكۇر دېھقاننىڭ ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىش ئاساسىدا تەييارلىغان مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.