باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىدىن باشقا ئوقۇغۇچىلار يەنىلا پاختا تېرىشتىن قۇتۇلمىدى


2006.08.17

ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ پاختا بازىسى ھەمدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىنغاندىن بۇيان، ھوسۇل مەزگىلىدە ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك باھانىسىدە ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىمۇ ئېتىز ئەمگىكىگە سېلىنغان ئىدى. يەنى 1994 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇغۇچىلارنى ھوسۇل مەزگىلىدە يەنى يېڭى ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمىدە ئۇزاق بولغاندا بىر ئايچە، قىسقا بولغاندا ئىككى ھەپتە پاختا تېرىش، قىزىلچا تېرىش، قۇلماق تېرىشقا ئوخشاش ئېتىز ئەمگىكىگە سېلىش داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى. شۇنداقلا ھەتتا بەزى يېزا مەكتەپلىرىدە يېڭى مەكتەپكە كىرگەن ئالتە ‏- يەتتە ياشلاردىكى بالىلارنىڭمۇ ئېغىر ئېتىز ئەمگىكىگە سېلىنغانلىرى بولغان.

باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى پاختا تېرىشتىن ئازاد بولدى

15 - ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مەتبۇئاتلارغا جاكارلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىرلىشىپ قارار ئېلان قىلغان بولۇپ، قاراردا بۇ يىلدىن باشلاپ ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پاختا تېرىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن.

ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە قاچانغىچە

قارارنىڭ ئارقىسىغا يەنە "باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا پاختا تېرىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ، پەقەت ئوتتۇرا ھەمدە ئالىي مەكتەپ ھەمدە تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغىلا پاختا تېرىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈشكە بولىدۇ" دەپ ئەسكەرتىلگەن. دېمەك گەرچە بالىلارنىڭ جىسمانىي ھەمدە پىسخىك ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان پاختا تېرىش ئەمگىكى پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ زىممىسىدىن ئېلىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئەممائوتتۇرا مەكتەپلەر، تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنىلا بۇ خىل ئادىل بولمىغان ئەمگەكتىن ھازىرچە ئازات قىلىنمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

ئۇيغۇر رايونىغا ئورۇنلاشقىنىغا ئەللىك يىلدىن ئاشقان خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇئەنىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىگىلىگەن يەر مەيدانىنىڭ ئىچىدە مەخسۇس پاختا ئىشلەپچىقرىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان يەر مەيدانى يەتتە مىليون مودىن ئاشىدۇ. يەنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسمى بىڭتۇئەن مەيدانلىرىدا. ھهئەر يىلى پاختا تېرىش مەزگىلىدە، يەنى ئاۋغۇستتىن ئۆكتەبىرگىچە چېنىقىش ئەمگىكى نامىدا بىڭتۇئەن كېۋەزلىكلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن تا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە بولغان پاختا تەرگۈچىلەر ئىشلەمچى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ ئېغىر ئەمگەكتىن ئالىدىغان ھەققى ھەتتا خىتاي ئاققۇن ئىشلەمچىلىرىنىڭكىدىن 15% ئەتراپىدا تۆۋەن بولغان. پاختا تەرگۈزگەندە ئېغىر ئەمگەكنىڭ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا زور تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ۋە ئۇلاردا ئېغىر كېسەل بولۇش، يارىلىنىشقا ئوخشاش ھادىسىلەر كۆپ كۆرۈلگەن بولغاچقا. بۇ ئوقۇغۇچىلاردا بىزارلىق، نارازىلىق پەيدا قىلغاندىن باشقا ئاتا ‏- ئانىلار ھەمدە بەزى مائارىپچىلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

بالىلار كېۋەزلىكلەردە

خىتاي ئىچىدىكى بەزى خەۋەر تور بەتلىرىدىمۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پاختا تېرىش ئەمگىكىگە سېلىشتەك بىر پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى، بۇنىڭ بالىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى دەخلىگە ئۇچرىتىش ھېسابلىنىدىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى ئىكەنلىكى تەنقىدلەنمەكتە.

2005 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمىتى شۇ يىللىق پاختا مەھسۇلاتىنى بىر مىليون 800مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغاندىن كېيىن، مائارىپ نازارىتى بۇنىڭغا ماسلىشىپ 400مىڭ ئوقۇغۇچىنى كېۋەز ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىغا پاختا تېرىش ئەمگىكىگە چۈشۈرگەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئادەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۈنىگە 25 كىلوگرام، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 35 كىلوگرام، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغا 40 كىلوگرام پاختا تېرىش ۋەزىپىسى بېرىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۆلۈنگەن ۋەزىپىسىنى كۈندە 10 سائەت ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىشلەپمۇ توشقۇزۇشى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەن.

12ياشلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ياكى مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ پاختا تېرىش مەيدانلىرىغا بارغاندىن كېيىن، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۈندە25 كىلوگرامدىن پاختا تېرىش ۋەزىپىسى يۈكلىنىدىكەن. ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغانلار تېگىشلىك جازا ياكى تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن سىرت، ئېشىپ قالغان ۋەزىپىسى ئەتىگە قوشۇلۇپ ماڭىدىكەن. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا كۈنىگە 10 سائەتتىن، ئىككى ئۈچ ھەپتە داۋام قىلىدىغان پاختا تېرىش ئەمگىكى ئىنتايىن ئېغىر جىسمانىي بېسىم بولغاندىن سىرت يەنە، بۇ ئۇلارغا روھىي بېسىم ئېلىپ كەلگەن. ئۇزۇن مەزگىل ئاپتاپتا، چاڭ‏ - توزاندا تۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ بالىلارنى ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار قىلغان.

بۇ 12 ياشلىق قىز بۇ يىل يېڭىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆچكەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈچىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، ئۇدا ئۈچ يىل پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتناشقان ئىكەن. ئۇ مەيۈسلۈك ھەم ساددىلىق بىلەن" ئەمدى باشلانغۇچ بالىلىرىنى پاختا تەرگىلى ئېلىپ چىقمايدىكەن، بەك خوش بولدۇم... ئەمما مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ بولدۇم ‏- دە، پاختا تېرىشقا يەنە بېرىشىمىز ئېنىق، ئەسلى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋەرسەم بوپتىكەن" دېدى.

"بۇ پەقەت ئېھتىياجغا قاراپ ئەمگەك كۈچى قىسقارتىش"

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ نازارىتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پاختا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىكار قىلىشىغا ئىزاھات بېرىپ "پاختا تېرىش ئەمگىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەمگەك سىجىللىقىنىڭ نىسبەتەن زورلۇقى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ھەم پىسخىكا ساغلاملىقىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پاختا تېرىش ئەمگەك ۋەزىپىسى چۈشۈرۈشنى بىكار قىلدۇق" دېگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا تېرىش قوشۇنىدىن بىكار قىلىشى، بالىلارنىڭ ھوقۇق ‏- مەنپەئەتىنى ئويلىغانلىقىدىن ئەمەس" دەپ گۇمانلانماقتا.

چۈنكى تېخى يېقىندىلا يەنى -10 ئاۋغۇست شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇئەنلەردە پاختا تېرىشنى 5 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. پاختا بازىلىرى بولغان بىڭتۈئەنلەردە پاختا تېرىش ماشىنىلىشىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياج بارغانچە كېمىيىشىگە ئەگىشىپ، يىلدىن ‏- يىلغا پاختا تېرىش ئىشلەمچىلىرىنىڭ سانىنىمۇ ئازايماقچى ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقان بولسا، پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپلەرلا ئەمەس، ئوتتۇرا ھەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ بۇ خىل ھاشار تۈسىنى ئالغان ئەمگەكتىن ئازات قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ قارارنى پەقەت ئېھتىياجغا قاراپ ئەمگەك كۈچى قىسقارتىش" دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ" دېگەن پىكىرلەردە بولماقتا.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.