مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان كۈن ھەققىدە

بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىمەكتە. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھەقىقەتەن بىر يورۇق دۇنيانىڭ تۇغۇلۇشى ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى بۇتلارغا ۋە ھەرخىل ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشنىڭ خۇراپاتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاللاھقىلا ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىشتەك توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن كەلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبەردۇر. شۇڭا ئۇنى ئەستىن چىقارماستىن ھەمىشە ئۇنىڭغا دۇرۇد ۋە دۇئالارنى يوللاپ تۇرۇش، ئۇنىڭ يولىغا ئىزچىل ئەگىشىش مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرچىدۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادىيىنىڭ 571 - يىلى 20 - ئاپرىل، پىل يىلى رەبىئولئەۋۋەل ئاينىڭ 12 - كۈنى دۈشەنبە كۈنلۈكتە، ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر ئائىلىسى بولغان بەنى ھاشىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغۇلغان كۈن بۇ يىل فېۋرالنىڭ 26 - كۈنىگە توغرا كەلگەن.

پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلۇغۋار ئىش - ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركچە بۆلۈمنىڭ مۇدىرى ۋە تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىستىداتلىق ئالىم ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندىگە مەۋلۇت ھەققىدە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلئەھەد ھافىز بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن دۇنياغا رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن رەھمەت پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى بەختلىك يولغا باشلاش يولىدا كۆپ بەدەل تۆلىگەن ۋە كۆپ جاپا تارتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خاتىرىلىگەن ئىكەنمىز، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىز ئۇممەت ئۈچۈن قىلىپ كەتكەن ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئەسكە ئېلىپ ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن ھەقىقىي ئۈلگىنى ھاسىل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەك كۆڭلى يۇمشاق، مېھرىبان زات بولۇپ، ھەمىشە ئىنسانلارنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى. ھەتتا ھەر بىر پەيغەمبەرگە ئاللاھتىن بېرىلگەن ئىجابەت دۇئاسىنى باشقا پەيغەمبەرلەر بۇ دۇنيادا قوللانغان بولسا، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ئاخىرەتكە قويۇپ قويغان. شۇڭا پەيغەمبىرىمىز قىيامەت كۈنى ئىسلام ئۇممىتىگە ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلىدۇ."

مەۋلۇت پائالىيىتى قانداق بولۇشى كېرەك؟

مەۋلۇت پائالىيىتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش لازىملىقى توغرىلىق مۇنداق دېدى: "مۇسۇلمانلار ھەر يىلى بۇ ھەپتىنى ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن رەھمەت ۋە شەپقەت بولۇپ كەلگەن ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ھەپتىسى دەپ قەدىرلەپ كەلمەكتە. ۋەتىنىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنى "مەۋلۇت ئېيى" دەپ ئاتىشىدۇ ۋە بۇ ئايدا ئۆيلەردە جامائەت بولۇپ نۆۋەت بىلەن مەۋلۇت ئوقۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ، مۇھەببەت ۋە ئىخلاسنى ئىزھار قىلىدىغان پائالىيەتلەردۇر. ئەمما ئەڭ توغرىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەمىشە ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ يولىغا ئىزچىل ئەگىشىش، ئۇنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىنى تەرك ئېتىش، شۇنداقلا ھەر كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان ھۆرمىتىنى، سۆيگۈسىنى ۋە ئىخلاسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبىرىمىزنى ئەسلەپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىمەكچى بولىدىكەنمىز، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ياقتۇرۇدىغان ئىشلىرىنى قىلىشىمىز ۋە ئۇ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىشىمىز لازىم."

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلار

ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا تۇنجى بولۇپ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېلىپ كەلگەن. مەسىلەن: بالىلار ھوقۇقى، ئاياللار ھوقۇقى، ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق بىر مۇنچە ھوقۇقلارنىڭ ئاساسىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىغا قويغان. ھايۋانلارغا شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە كۆپلىگەن ئېسىل تەۋسىيەلەرنى قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام " ئىنسانلار خۇددى تارغاقنىڭ چىشلىرىغا ئوخشاش باپ ‏- باراۋەردۇر" دەپ ئۆگىتىش ئارقىلىق، دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇق ۋە بارلىق ئىشلاردا باراۋەرلىكىنى ئېلان قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت