نامايىش ھەر يىلدىكىگە ئوخشاشلا نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەركىزى پويىز ئىستانسىسى ئالدىدىن يولغا چىققان نامايىشچىلار قوشۇنى ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىكلەر ئەڭ كوپ يىغىلىدىغان چوڭ - كىچىك كوچىلاردىن "خىتاي دىكتاتور!"، "خىتاي تېررورىست!"، "بىزگە ئەركىنلىك كېرەك!"، "شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك كېرەك!" ۋە "ئۇيغۇرلارنى ئولتۇرۇشنى، قولغا ئېلىشنى توختات!" دېگەندەك ھەر تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ ئۆتتى.
نامايىشچىلار دېڭىز بويىغا جايلاشقان نوبېل "تىنچلىق" سارىيى ئالدىغا ھەيۋەتلىك شوئارلارنى توۋلاپ كەلگەندە، بۇ يەرگە يىغىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. تەشۋىق ۋەرەقىسىنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان ياش - ئۆسمۈرلەر بىر ياقتىن ۋەرەقىلەرنى تارقاتقاچ، يەنە بىر ياقتىن نامايىشقا قىزىققۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ھەققىدە توختالدى.
نوبېل "تىنچلىق" سارىيىنىڭ ئالدىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 61 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋان سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى كۆرسىتىلدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى تۇرسۇن شەمشى ئەپەندىمۇ نامايىش ھەققىدە نامايىش ھەققىدە توختالدى.
بۈگۈنكى نامايىشقا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان پەلەستىن ئازادلىق ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇللا، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەر قاچان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر يولدا ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
نامايىشقا ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان ياش - ئۆسمۈرلىرىمىزمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
بەلگىلىگەن ۋاقىتتىن ئاشۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان نامايىش كۈن تەرتىپلەرنى تولۇق ئورۇنداپ، جاراڭلىق شوئارلار بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.