ئامېرىكىلىق مۇخبىر سېرىن فاڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەچۈرمىشلىرى


2005.01.12

pbs.jpg
PBS تورىدىن بىر كۆرۈنۈش

"خىتاينىڭ غەربىدە شىنجاڭ دىگەن بىر ئۆلكە بار. بۇ يەردىكى كىشىلەر سۆز قىلىشتىن تولىمۇ قورقاتتى. بۇ يەرگە كېلىش پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى" دەپ فىلىمىنى باشلىغان مۇخبىر سىرىن فاڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپ قىسمى چۆللۈك ۋە ئىگىز تاغلار بىلەن قاپلانغان. خىتاي نۇرغۇن يىللاردىن بېرى بۇ رايوننى پالاندى يەرگە ئايلاندۇرۇپ، نۇرغۇن جىنايەتچىلەر لاگىرىنى قۇرغان ھەمدە خىتايدىكى بىردىنبىر ئاتوم سىناق مەيدانىنى بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇيغۇر ئېلى شۇنداقلا خىتايدىكى نېفىت بايلىقى ئەڭ مول رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەر سەككىز مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ يەرنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇلار خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ. تىلى ئوخشىمايدۇ، چىراي- شەكلىمۇ تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىسلام دىنىغا مۆتىدىل يوسۇندا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى رادىكال ئىسلام ئىدىيىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كىرىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىدۇ".

خىتاي كونتروللۇقىدىكى 50 يىلدىن بۇيان

مۇخبىر سىرىن فاڭ فىلىمىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 50 يىل ئاۋال ئۇيغۇر ئېلىنى رەسمىي كونترول قىلغانلىقىنى، شۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە زور كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گەرچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا قارشى نۇرغۇن قېتىم نامايىشلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. ئۇ فىلىمىگە، خوتەندە 1995 - يىلى يۈز بەرگەن خەلق نامايىشىدىن كۆرۈنۈشلەرنى كىرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانداق ۋەھشىلەرچە باستۇرغانلىقىنى نامايەن قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ۋە دىنىي قارىشى ئوخشاش بولمىغان ھەر قانداق ئۇيغۇرلارنى "ئىسلام تېررورچىلىرى" دەپ ئاتايدىكەن.

قانداق كەلدىم؟

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خالىغانچە زىيارەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، مۇخبىر سېرىن فاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى مونىكا لەم ساياھەتچى سالاھىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي مەركىزى بولغان قەشقەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بىر خىتاي تاكسى شوپۇرىنىڭ ماشىنىسىنى كىرا قىلغان.

مۇخبىر سېرىن فاڭنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ شوپۇر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتكەن مىڭلىغان، مىليونلىغان خىتايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ توققۇز يىل ئاۋال قەشقەرگە ئەسكەرلىككە كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان ھىسسىياتىنى مۇخبىرغا مۇنداق دەپ ئىپادىلىگەن:

"بىز ئەسكەرلىككە قاتناشقاندا بۇ يەرگە كىلىدىغىنىمىزنى بىلمىگەن. بۇ يەرنىڭ شارائىتى ناچار بولغاچقا، ھۆكۈمەت بىزنىڭ كەلمەسلىكىمىزدىن ئەنسىرەپ، بىزگە ئېيتمىغانىدى. بىز شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن، ئايروپىلاندىن چۈشسەك ئەتراپلار چۆل- جەزىرە، كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم بولدى.

ەسخىرىلىك جاۋاب

گەرچە ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە توققۇز يىلدىن بېرى ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن چوشقا گۆشى يىمەيدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا نىسبەتەن، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاتىنى كەمسىتكەن ھالدا بۇرمىلاپ، مۇنداق دىگەن:

"چوشقا دىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى، ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئەلۋەتتە چوشقا گۆشى يىمەيدۇ.

مۇخبىر فىلىمىدە، بۇ خىتاي شوپۇرنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ يەردىكى خىتايلارغا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئېغىر سىياسىي بېسىم

مۇخبىر بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ ياردىمى بىلەن قەشقەر شەھەرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ئايلانغان. ئۇلار ئۇيغۇر ئولتۇراق رايۇنلىرىنىڭ خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا قارىغاندا كۆپ نامراتلىقىنى كۆرگەن. خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئاساسەن ئىگىز بىنالار، كەڭ يوللار بىلەن ياسالغان زامانىۋىي رايۇنلار بولسا، ئۇيغۇرلار پاكار ئۆيلەر، توپىلىق يوللار ۋە كىچىك بازارلاردا توپلىشىپ يۈرۈشىدىكەن.

rebiya_150.jpg
رابىيە قادىر خانىم

سېرىن فاڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلارنى باشلاپ ماڭغان ئۇيغۇر بالا فىلىمغا ئېلىش جەريانىدا سىياسەتتىن پاراڭ قىلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان. مۇخبىر فىلىمىدە مۇنداق دەيدۇ:

"گەرچە بۇ ئۇيغۇر بالىنىڭ بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى دىگىسىمۇ بولسىمۇ، ئەمما دىيىشكە پېتىنالمىدى. بۇ يەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەزىيىتى ھەققىدە ئوچوق- ئاشكارا سۆز قىلىشتىن تولىمۇ قۇرقىدۇ. بىراق شۇنداق بولسىمۇ، بەزىلەر مۇمكىن بولغان ۋاستىلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشتى. غۇلجىدا مۇنداق بىر ئىش بولدى، بازاردا سودا قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى مېنىڭ ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىمنى ئۇققاندىن كىيىن، پورتمالىنى چىقىرىپ، "قاراڭ، بۇ يەردىمۇ بىر ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ رەسىمى بار" دەپ كۆرسەتتى. قارىسام، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر تىجارەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەسىمى ئىكەن. ئۇ كىشى خۇددى رابىيە قادىر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەسكەرتىۋاتقاندەك بىلىندى".

ھېچقانداق تېررورچىنى بىلمەيمەن

ئامېرىكا پبس تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى سىرىن فاڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقەگە دۈچ كەلگەن. ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ ھاياتىدىكى ئازابلىق بىر كەچمىش ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ، مۇنداق دىدى:

"2004 - يىلى ئۆكتەبىردە، مەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىر ئۇيغۇر كىشى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ كىشى ئىنتايىن ئىھتىياتچانلىق بىلەن مەن چۈشكەن مېھمانخانىغا كەلدى. ئۇ ماڭا "مەن بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلمايمەن، پەقەت ھەقىقىي ئەھۋالىمىزنى ئاڭلىتىشنى خالايمەن" دىدى.

ئۇ يەنە ھېچقانداق ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت قولىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ۋە ئېتىلغانلارنىڭ گېزىتلەردە ئىلان قىلىنغان تىزىملىكى بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنى ماڭا سۇندى. سۆھبىتىمىز ئاياقلاشقاندىن كىيىن، مەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويغىلى چۈشتۈم. كۈتۈلمىگەن يەردىن ئىككى نەپەر قارا كىيىم كىيگەن خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى بىزنىڭ ئالدىمىزنى توسۇپ، قوللىرىمىزنى قايرىپ، ياتاققا قايتۇرۇپ ئەكىردى. ساقچىلار ئۇنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن تامغا يۆلەپ تۇرغۇزغىنىدا، ئۇ قورققىنىدىن ھەتتا ھوشىدىن كەتتى.

پىغانلىق ئۆكۈنۈش

pbs1.jpg
PBS تورىدىن بىر كۆرۈنۈش

مۇخبىر بۇ كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتتىن ئىنتايىن ئۆكۈنۈپ، ئۆزىنى ئەيىپلەپ، ئىختىياسىز ھالدا كۆزىگە ياش ئالدى:

"ساقچىلار ئۇنى 19 - ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە تۇتۇپ كەتتى. ھازىرغىچە ئىز- دېرىكى يوق. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قاتتىق جازالىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىۋاتىدۇ. خەلقئارانىڭ ئۇنىڭ مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاخىرى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى توغرا تاپتىم. ئۇنىڭ ئىسمى دىلكەش تىلىۋالدى. مەن پەقەت مۇخبىرلىق مەسئۇلىيىتىم بىلەن ھەقىقەت ئىگىلەشكە تىرىشقان ئىدىم. ئەمما بۇنىڭغا بۇنداق كۆپ بەدەل تۆلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگەن بولاتتىم. ھازىر ئۇنىڭ ھەسرەتتىكى ئايالى ، بالىلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. مەن پۇشايماندا ئۆزەمنى ئەيىبلەۋاتىمەن."

مۇخبىر سېرىن فاڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە ئىشلىگەن مەخسۇس فېلىمى سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكىنىڭ PBS تېلېۋىزىيىسىدە تارقىتىلدى. مەزكۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تارقىتىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، قۇبۇل قىلىنىش نىسبىتى ھەپتىسىگە يۈز مىليون كىشىگە يېتىدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.