كانادا يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى پەگگي ناش، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن مەزگىلدە، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز نامىدا بايانات ئېلان قىلىش، ماقالە يېزىش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە جامائىتىنى بۇ نازۇك مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان شۇنداقلا ئۇ تەۋە بولغان يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىمۇ بىرقانچە قېتىم مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر ستېپھېن ھارپېرنى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان ئىدى.
بىز پېگگي ناش خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ، ۋېزا تەلىپىدە بولغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولسا ۋېزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ نېمىشقا رەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. پېگگي ناش خانىم بىزنىڭ:
-سىزچە، خىتاينىڭ ۋىزا بەرمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟-دېگەن سوئالىمىزغا، خىتاينىڭ بۇ قارارىدىن ھەقىقەتەن ھەيران بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
-مەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئوي-پىكىرلىرىمنى كۆپ قېتىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدۇم. مېنىڭچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بىئارام بولغان بولسا كېرەك.
پېگگي ناش خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن يېڭىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئۆز-ئارا ھەمكارلىق پرىنسىپىغا بىنائەن، كانادا ئەمگەك كۈچى مەنبەلىرى مىنىستىرلىقى، بۇ قېتىمقى خىتايغا بارىدىغان ئۆمەكنى تەشكىللىگەن ۋە بىر نەپەر مۇئاۋىن مىنىستىر بۇ ئۆمەككە مەسئۇل بولغانىكەن. ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللانغان پېگگي ناش خانىم، نۆۋەتتە كانادا ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىس مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم تەلەپ بويىچە بېيجىڭدا ھۆكۈمەت، كارخانا باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەمگەكچىلەردىن ئىبارەت ئۇچ تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى، ھەمكارلىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە كانادانىڭ تەجرىبىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تونۇشتۇرماقچى بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى:
-مېنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپەم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى،ئىشچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ھەققى مەسىلىسىدىكى بازارلىق ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ئورنىدىكى ھوقۇقلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە دوكلات بېرىش ئىدى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايغا بارىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەقسىتى، خىتايدا سانائەت ئىشچىلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش شۇنداقلا ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ھەققى مەسىلىسىدىكى كوللېكتىپ سۆھبەتلەرگە مەدەت بېرىش ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەن.
ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشى خىتايدىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى، خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. بولۇپمۇ تۇنىس ۋە مىسىردىكى ئىسيانلار، خىتاي دائىرىلىرىگە ۋەھىمە سېلىپ تۇرغان نازۇك بىر مەزگىلدە، ئۇلار پېگگي ناشتەك مەشھۇر ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى پائالىيەتچىسىنىڭ بېيجىڭغا ئاياق بېسىشىنى ھاكىمىيەت ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
پېگگي ناش خىتاي ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىغانلىقى، خىتاينى زىيارەت قىلىپ بۇ مەسىلىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەكچى بولغانلىقىنى، ئەمما دائىرىلىرىنىڭ قوپاللىق بىلەن توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى. سابىق پارلامېنت ئەزاسى پېگگي ناش ئىلگىرى كانادا پارلامېنتىدىكى تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، دالاي لاماغا كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىق سالاھىيىتىنى بېرىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىدى.