ئۇيغۇرلار : بۈگۈنكى غەززەدىكى تەنتەنە، ئەتىكى ئۈرۈمچىنىڭ تەنتەنىسى

تۈنۈگۈن يەنى 29 - نويابىر كۈنى پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان، بىرلەشكەن دەۋلەتلەر تەشكىلاتىغا نازارەتچى دۆلەت سۈپىتىدە قوشۇلۇش تەكلىپى بىرلەشكەن دەۋلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللاندى.

0:00 / 0:00


ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەرخىل توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىننى كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى، پەلەستىنگە ئوخشاش تەغدىرگە دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۈمىدلەندۈردى.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.