ئۇيغۇر سودىگەر پەرھات نامانوپ تېپىۋاتقان پايدىغا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كۆزى قىزاردى

6 مىليون يۈەن يىللىق پايدا، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر سودىگەر ئۈچۈن راۋا كۆرۈلمىدى. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر سودىگەر پەرھات نامانوپ، 2002 ‏-يىلى ئىككى شېرىكى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدىكى بىر ئېلېكتر سايمانلىرى زاۋۇتىنىڭ خىزمەت بىناسىنى 10 يىللىق توختام بىلەن ھۆددىگە ئالغان.

0:00 / 0:00

پەرھات نامانوپ ۋە شېرىكلىرى، 35 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەزكۇر بىنانى رېمونت قىلغان ۋە بېزىگەن؛ بىنانىڭ ئۆيلىرىنى ھەرقايسى شىركەتلىرىگە ئىشخانا ئورنىدا ئىجارىگە بەرگەن. پەرھات نامانوپنىڭ ئەجرى ۋە سالغان مەبلىغى ئەمدىلا مېۋە بېرىپ، يىلىغا 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدا تېپىشقا باشلىغاندا، بۇ پايدىغا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كۆزى قىزارغان. نۆۋەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرى زاۋۇت بىناسىنى پەرھات ۋە شېرىكلىرىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. پەرھات نامانوپ بولسا، ئۆزىنىڭ ھەقلىق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق چارىلىرىنى ئىشقا سالماقتا.

پەرھات نامانوپ زاۋۇت بىلەن تۈزگەن توختامىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، زاۋۇتنىڭ توختامنى ئۇزارتىشقا قېتىلغانلىقى ھەققىدىكى جاۋاب خېتى ۋە تامغۇسى. 2012-يىلى
پەرھات نامانوپ زاۋۇت بىلەن تۈزگەن توختامىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، زاۋۇتنىڭ توختامنى ئۇزارتىشقا قېتىلغانلىقى ھەققىدىكى جاۋاب خېتى ۋە تامغۇسى. 2012-يىلى (RFA/Shohret Hoshur)

پەرھات نامانوپ، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيىسىدىن، ئۇ 2002-يىلى بېيجىڭدا ئىككى شېرىكى بىلەن بىرلىشىپ، تيەنخەي ئۆي-مۈلك شىركىتى نامىدا شىركەت قۇرغان. بۇ شىركەت، بېيجىڭدىكى بىر ۋەيران بولغان زاۋۇتنىڭ خىزمەت قورۇسى ۋە بىناسىنى ھۆددىگە ئالغان ۋە 35 مىليون مەبلەغ سېلىپ قورۇ ۋە بىنانى رېمونت قىلغان. ئەسلىدە خارابىلىككە ئايلانغان بۇ زاۋۇت قورۇسى بېزەلگەندىن كېيىن ئىجارىگە بېرىلگەن. بۇ جەرياندا پەرھات نامانوپنىڭ شىركىتى، 100 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىپ، شىركەتنىڭ ئېلان-سەنئەت-مۇلازىمەت ئىشلىرىنى يولغا قويغان. نەتىجىدە شىركەت يىلمۇ-يىل ئىناۋەت قازىنىپ، 177 شىركەت مەزكۇر بىنادىن ئىشخانا تۇتقان. بۇنىڭ بىلەن شىركەتنىڭ يىللىق كىرىمى 20 مىليون يۈەندىن، يىللىق پايدىسى بولسا 6 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

پەرھات نامانوپ، زاۋۇت بىلەن تۈزگەن توختامىنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن بىر يىل بۇرۇن، توختامنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان. زاۋۇت دەسلەپتە بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلىپ، توختامنى يەنە بەش يىل ئۇزارتىشقا ماقۇل كەلگەن. بۇ جاۋابقا ئاساسەن، پەرھات نامانوپ، مەزكۇر بىناغا يەنە مەبلەغ سالغان ۋە 100 نەچچە شىركەت بىلەن ئوخشىمىغان مۇددەتتە ئىجارىگە توختاملاشقان. ئەمما يېقىنغا كەلگەندە، بېيجىڭنىڭ زاۋۇت-كارخانىلارنى باشقۇرىدىغان ئالاقىدار بىر ئورگىنى پەرھات نامانوپنىڭ شىركىتىگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، توختامنى ئۇزارتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە زاۋۇتنى بوشىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن پەرھات نامانوپ دەسلەپتە مەزكۇر زاۋۇت رەھبەرلىرى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارنى يولسىزلىق قىلماسلىققا چاقىرغان.

دائىرىلەر نىيىتىدىن يانمىغاندىن كېيىن سوتقا ئەرز قىلغان. سوت خادىملىرى دەسلەپتە، پەرھاتنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئاغزاكى بىلدۈرۈشكەن، كېيىنكى مەزگىلدە بولسا، زاۋۇتنىڭ ئۇزارتىشقا قېتىلغانلىقىنىڭ پەقەت بىر يازما جاۋاب ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رەسمىي توختام ئەمەسلىكىنى، شۇڭا پەرھاتنىڭ بۇ سوتتا ئۇتتۇرۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پەرھات سوت باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەندە، سوت باشلىقى ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارىدىن بۇيرۇق كەلگەنلىكىنى، شۇڭا مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، شۇ باشلىقنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىماي ئامالى يوقلۇقىنى ئېيتقان ۋە پەرھاتنى ئۇنىڭدىنمۇ بىر چوڭ باشلىقنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن بۇيرۇق ئەكېلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

پەرھات مەركىزى مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان؛ مىللىي ئىشلار كومىتېتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ چارىسىزلىقىنى بايان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى پەرھات نامانۇپنىڭ شىركىتىنىڭ يىلىغا تېپىۋاتقان 20 مىليون يۈەن پايدىسىغا كۆزى قىزارغان. شۇڭا ئۇنى باشقا خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، سوتقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەمما مەسىلە ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق مەسىلە بولغاچقا، ھەم 18 قۇرۇلتاي مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالغاچقا، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، سوتنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ۋاقتىنى يەنە 6 ئاي كېچىكتۈرگەن.

نۆۋەتتە بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى، پەرھات نامانوپنى بىر ئىش چىقىرىپ قويۇشتىن توسۇش ئۈچۈن، ئۇنى ھەر كۈنى دېگۈدەك نازارەت قىلماقتا، ئۇنىڭغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىمەكتە. بۇ ئەھۋاللارنى رادىئومىزغا پاش قىلغان پەرھات نامانوپ، ئۆزىنىڭ ھەقلىق مەنپەئىتى ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋاقتى كەلسە ۋەقە چىقىرىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتمايدىغانلىقىنىڭ شەپىسىنى بەردى.